سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك
21:36:00 2025-03-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

 سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك 

 ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

3- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى بويىچە دىققەتنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا 2025- يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپە تەقسىملەش توغرىسىدىكى قارار ئېلان قىلىندى. 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە نۇقتىلىق ھالدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئالتە ئورگان (تارماق) ۋە 21 ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومغا قارىتا دائىملىق كۆزىتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىرىنسىپال مەيدان ۋە ئۇسۇلنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە كۆزىتىش- تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر كېڭەيتىش، مەخسۇسلاشتۇرۇشقا كۈچەش، ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى بىر تۈرلۈك كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي ئورگان، كەسپىي ئورگان، پاك ئورگان قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى تۇتۇش كېرەك. كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق» بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاپتونوم رايوندىكى مەسئۇل (ئالاقىلىشىدىغان) رەھبەرلەر  باش بولۇپ ئۆزى مەسئۇل ساھەدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، تەشكىلات تارماقلىرى دادىللىق بىلەن ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، تۈزىتىش، كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈزىتىشكە، ئەمەلىي تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار كۆزىتىشتە بايقالغان كەسىپ خاراكتېرلىك، ساھە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ تۈزەشنى يولغا قويۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2025- يىللىق كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، سىياسىي نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك. سىياسىي ئورگانلارنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت- فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. فۇنكسىيە ۋە مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسى ۋە ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەر ۋە مائارىپ كۈچلۈك رايونى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك رايونى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالغان- ئالمىغانلىقى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتقان- ياراتمىغانلىقى، «مەسئۇلىيەت ئېتىزى»نى ياخشى تېرىغان- تېرىمىغانلىقى، ياخشى باشقۇرغان- باشقۇرمىغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىشى كېرەك. كۆزىتىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئوبيېكتىپ، دەل جايىدا بايقاپ، تىرىشىپ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كېيىنكى تۈزىتىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشى كېرەك. ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

 تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6- نۆۋەتلىك، 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ۋە كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار يولداشلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك تەكشۈرۈش ئىشخانىلىرىنىڭ مۇدىرلىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125