جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىنىڭ ئاروماتىك ھىدرو كاربون قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ۋە خام ماتېرىيالنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ- چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاندى
ما شىڭرۇي ئىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى، دەي خوۋلياڭ، سۈن يۈ، يەن گوچۇن تەبرىك سۆزى قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 3- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2025- يىلى شىنجاڭ بويىچە 1- پەسىلدىكى چوڭ- چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى. جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دەي خوۋلياڭ سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سۈن يۈ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يەن گوچۇن تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
شۇ كۈنى، جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىنىڭ ئاروماتىك ھىدروكاربون قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ۋە خام ماتېرىيالنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يىللىق مەھسۇلاتى 2 مىليون توننا بولغان ATP تۈرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ خۇامېي شېڭدى مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىكى يىلىغا كۆمۈردىن 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىش تۈرى، چاقىلىق- لىڭياڭ (خۇاتۇگوۋ)، چىمەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، جۇڭشىنجيەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ 660000 × 6 كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى، بىڭتۇەن 2- شى 687G تيېمېنگۇەن- ئارال تاشيولى تۈرى قاتارلىق 83 نۇقتىلىق تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى.
3- ئاينىڭ 22- كۈنى، سانجى شەھىرى تىڭجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېشىللىق جىلغىسىدا، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ خۇامېي شېڭدى سانجى جىنپۇدۈن مېھمانسارىيى توپى تۈرىدە ئىش باشلاندى. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 71.53 مو بولۇپ، 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 80 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئۈچ خەلقئارالىق مېھمانساراي داڭلىق ماركىسىنى كىرگۈزۈش پىلانلاندى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. خې لۇڭ فوتوسى
پائالىيەتتە، ئالاقىدار مەسئۇل يولداش 2025- يىلىدىكى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سېلىنما تۈرلىرى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. 2025- يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا سېلىنما كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن 12 مىڭ 400نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 6 تىرىليون 230 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىللىق پىلاندىكى سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %10تىن ئاشۇرۇش پىلانلاندى. چوڭ- چوڭ تۈرلەر ئىچىدە، 100 مىليون يۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈر 4300دىن ئاشىدۇ. 1- پەسىلدە سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %15تىن يۇقىرى بولۇشى مۆلچەرلەندى.
مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتى سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى، چاقىلىق سانائەت باغچە رايونى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، بىڭتۇەن شەرقىي جۇڭغار كەسىپلەر باغچە رايونى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، كۇچا شەھىرى، تيېمېنگۇەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى تۈرلەردە ئىش باشلاش نەق مەيدانىغا ئۇلاندى. تۈر قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئالتە ئورۇندىكى مەسئۇل يولداش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق دېدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۇنجى پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئارقىلىق ھەربىر پەسىلدە ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداشقا تۈرتكە بولۇشى، پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، «تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇش» غەيرەت- شىجائىتىنى ئاشۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك. نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەڭشەپ يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ بالدۇر ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى بالدۇر ئىشلەش، تېز ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى تېز ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئىلگىرىلەش سۈرئىتى بولۇش، ھەر ئايدا ئىلگىرىلەش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەت ئېڭى، ئومۇملۇق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا، ئورتاق قۇرىدىغان تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك»، ئۈچ دەرىجىلىك ھەمتۈرتكىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل يارىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭدا خاتىرجەم يىلتىز تارتىش، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، قارىسىغا ئىش قىلىشنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.
دەي خوۋلياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك خەلقئارا ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ- چوڭ سېلىنما تۈرلىرىنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.
سۈن يۈ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان «1- نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»نى بەرپا قىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان بەخت قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىدۇ، ئورتاق گۈللىنىدۇ.
يەن گوچۇن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم نادىر قۇرۇلۇش، ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، قادېن كەبىن، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، جۇ لىفەن، جىن جىجېن، خا زېڭيوۋ قاتناشتى. جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ھەم بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە تۈر كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.