شىن شىجيەن
«ئىش باشلاندى!»
ئىللىق باھارغا جور بولۇپ، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى. 2025- يىلى شىنجاڭ بويىچە 1- پەسىلدىكى چوڭ- چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتىدە، تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇشنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىنىپ، 1- پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئارقىلىق پۈتۈن يىلدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، ھەرقايسى جايلار ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلەرنى تۇتۇپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا نەزەر سالساق، كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ تەرەققىيات ئىشەنچىنى يەتكۈزدى، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ كۈرەش قىلىش غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى، «غول تارتىپ باراقسان ئۆسۈۋاتقان» چوڭ- چوڭ تۈرلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنېرگىيە مۇجەسسەملىمەكتە، كۈچ توپلىماقتا.
پۈتۈن يىلدا تۇنجى پەسىلگە قاراش، ئومۇملۇقتا باشلىنىش ۋەزىيىتىگە قاراش كېرەك. بۇ يىل «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، پەقەت ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، «15- بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. چوڭ- چوڭ تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «ئاساسىي موتور»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 13- ئومۇمىي يىغىنىدا «<ئىككى مۇھىم> تۈرنى قولغا كەلتۈرۈش، <ئىككى يېڭى> سىياسەتنى يولغا قويۇش» تەكىتلەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقىدىن %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ، جەزمەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، «قەدەم ئېلىپلا ئاتاكىغا ئۆتۈش»تەك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاپ، تۈرلەرنىڭ «ئىلگىرىلىشى» ئارقىلىق تەرەققىيات «كۈچى»نى مۇجەسسەملەش كېرەك.
«شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- لىنىيەسى كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىدىن ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىغىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، زور بىر تۈركۈم سۈپىتى يۇقىرى، ئۈنۈمى ئەلا، ئىستىقبالى پارلاق تۈرلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت ياراتتى. بۇ قېتىم مەركەزلىك ئىش باشلانغان چوڭ- چوڭ تۈرلەردە دىققەت «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، «ئون تور» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆلىمى- ھەجمى زور، سۈپىتى- قۇرۇلمىسى ئەلا، يېتەكلەشچانلىقى- تۈرتكە بولۇشچانلىقى كۈچلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «چىڭ داۋلى»نى ئىگىلەپ، «يېڭى ئەۋزەللىك» يارىتىش ئۈچۈن، جايلار تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرئەتنى تولۇق تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە، كۆزلىمە مەھسۇلات مىقدارىغا يېتىش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ھازىرقى مەبلەغ سالغۇچىلار تىجارەت- سودا مۇھىتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە، مۇلازىمەت كاپالىتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇڭا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئامىللىق تىرەكنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق كاپالەتنى پۇختا قىلىپ، «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش»نى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا سۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، كارخانىلارغا دەل جايىدا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل يارىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭدا غەمسىز يىلتىز تارتىش، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
بۈگۈنكى تۈر ئەتىكى كەسىپ دېمەكتۇر. شىنجاڭنىڭ تەستە قولغا كەلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەۋقەنى ئۆز بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىدىكى ئورنى ۋە سالمىقىنى كۈچلۈك ئاشۇرۇش كېرەك. باھار پەيتى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ۋەزىيەت ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ، ئېنىق بېكىتكەن ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كۆپ ئىشلىگىلى بولسا كۆپرەك ئىشلەپ، كۆپەيمە تۈرلەرنى زورايتىپ، ساقلانما تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ھەش- پەش دېگۈچە، بۇ يىل 1- پەسىل ئاخىرلىشىشقا يەنە ئون كۈنمۇ قالمىدى. بىز بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېزرەك بولغانلىرىدا يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئاستىراق بولغانلىرىدا قوغلاپ يېتىشىۋېلىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1- پەسىلدە ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش، ئىشنى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، 1- پەسىلدە ئىشنى ياخشى باشلاش ئارقىلىق پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەيلى.