كۆرگەزمە ئېچىپ دەرس ئۆتۈش | ئۈرۈمچىدە مەھەللە مەدەنىيىتى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتتى
17:08:44 2025-03-24 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، قوشنىلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەھەللىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن مەھەللە شەكلى كۆپ خىل مەدەنىيەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ھۆسن قوشتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى شۇ جايدىكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلارنى مەھەللىدە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەرسخانىسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە ھەقسىز دەرس ئۆتتى ھەم مەھەللىدە كۆرگەزمە ئېچىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، كىچىك دوستلار ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەتتاتلىق دەرسىدە مۇئەللىمگە ئەگىشىپ خەتتاتلىق ئۆگەنمەكتە.

3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان كونا بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە ئاھالىلەر تىكتاك توپ ئوينىماقتا.

3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، كىچىك دوستلار تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرىدە بەدەن چېنىقتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125