ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا ئىستىلنى ياخشىلاپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
20:30:23 2025-03-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا ئىستىلنى ياخشىلاپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 3- ئاينىڭ 23- كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى نەق مەيداندا تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك، ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا شەرەپ كەلتۈرۈش، قۇۋۋەت بېغىشلاش كېرەك.

 ما شىڭرۇي پىچان ناھىيەسىدىكى تۇرپان- قومۇل نېفىتلىكى ۋېنجىساڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى گاز قاچىلاش پونكىتىغا بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، نېفىتلىك بايلىقىنى ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نېفىت- تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. جۇڭئەن گۇرۇھىنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ما شىڭرۇي سۈمۈرۈش مەشغۇلاتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈرنى پىلانلاش ئەھۋالى ۋە يولغا قويۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، كارخانىنى تەتقىق قىلىش، پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يولىنى دەل جايىدا تېپىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ نېفىت- تەبىئىي گازنى چارلاش- ئېچىشقا قاتنىشىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، بولۇپمۇ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئۇ يەنە تۇرپاندىكى شامال ئېلېكتىر تۈرىگە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار سېلىنمىنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تۈرلەرنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك دېگەن ئاڭنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي پىچان ناھىيەسىنىڭ چىقتىم بازىرى قۇم كارىز كەنتىگە بېرىپ، ئۈزۈملۈككە كىرىپ، ئۈزۈمنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ھازىر دەل ئۈزۈم تەكلىرىنى ئاچىدىغان مەزگىل بولۇپ، ما شىڭرۇي پىچان ناھىيەسىنىڭ چىقتىم بازىرى قۇم كارىز كەنتىگە كېلىپ، ئۈزۈملۈككە كىرىپ، تەكلەرنى ئېچىش، باراڭغا ئېلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي ئۈزۈمنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىنى تېجەش بىلەن بىللە، ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ما شىڭرۇي ئەھۋال تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم دېھقانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ خىزمەتنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۆزلەپ، رايون سۇ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، داۋاملاشما تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 پىچان ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى پىچان ساقچىخانىسىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي بىرىنچى سەپتىكى خەلق ساقچىلىرىدىن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىككە «شۇ جاينىڭ تىنچ- ئامانلىقىنى قوغداش، شۇ جاينىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش» مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تۆۋەنگە چۈشكەن ساقچى كۈچلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، ئاممىنىڭ بەختىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى.

 پىچان ناھىيەسىدىكى تۇيۇق تاش غارى قەدىمكى ئىدىقۇت رايونىدىكى قېزىۋېلىنغان دەۋرى ئەڭ بۇرۇن، قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، غار تۈر تىپى ئەڭ تولۇق بولغان بۇددا دىنى تاش غار ئىبادەتخانىسى خارابىسى توپى ھېسابلىنىدۇ. ما شىڭرۇي خارابىلىك جايلاشقان تۇيۇق كەنتىگە كېلىپ، قەدىمىي كەنتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىر- بىرلەپ كۆزدىن كەچۈردى، تىجارەتچىلەر بىلەن پاراڭلاشتى ھەم تاش غارغا يېقىن بېرىپ، ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش- قېزىش نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، غار، تام رەسىملىرى قاتارلىقلارنى قوغداش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخقا، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا مۇجەسسەملەنگەن شىنجاڭنىڭ تارىختىن بۇيان كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان رايون بولۇشتەك ماھىيەتلىك مەزمۇننى چوڭقۇر قېزىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىخەتەرلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باشتىن- ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش ئالدىنقى شەرتىدە، پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنىڭ شىنجاڭدا نامايان قىلىنىشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تومۇرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىيىتىگە دائىر پاكىتلارنى تېخىمۇ كۆپ جانلىق ئىزاھلاپ ۋە كۈچلۈك بايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ كۆلىمى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىگە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق قىلىش، يۈزەكى ئىش قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئېسىل ئىستىلنى تاۋلاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125