مۇزلۇقنى قوغدىغانلىق − جان تومۇرنى قوغدىغانلىق
بۇ يىلقى دۇنيا سۇ كۈنىنىڭ باش تېمىسى «مۇزلۇقنى قوغداش» بولۇپ، شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ، دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھاكىمە تېمىسى ھېسابلىنىدۇ. سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىگەن سۈيى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى بىپايان بوستانلىقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى كاپالىتى، مۇزلۇقنى قوغدىغانلىق − جان تومۇرنى قوغدىغانلىق.
مۇزلۇق ئىسمى- جىسمىغا لايىق قاتقان بىر دەريا ئېقىنىغا ئوخشايدۇ، تاغنى بويلاپ ھەيۋەتلىك سوزۇلۇپ، ئاخىرقى ئۇچى ئېرىپ تامچە- تامچەسۈزۈك سۇغا ئايلىنىپ، پارچە- پارچە بوستانلىقلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. لېكىن يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ھەمدە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، مۇزلۇقنىڭ ئېرىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىپ، مۇزلۇقنىڭ چېكىنىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، ئەسلىدە ھاياتىي كۈچنىڭ سىمۋولى بولغان «قار- مۇزلارنىڭ ئېرىشى» ئەكسىچە كىشىنى ئەندىشىگە سالدى، كەلگۈسىدىكى بىر كۈنلەردە مۇزلۇقلار يوقاپ كېتەرمۇ؟
قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايوندا ياشايدىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار ئىزچىل تۈردە سۇنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، قانداق قىلغاندا سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ بايلىقىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدىكى ئىزدىنىشنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىدى. سۇنىڭ يەر يۈزىدە پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ بولسا، ئەجدادلار كارىز قېزىپ، ئېقىن سۇنى يەر ئاستىدا شىلدىرلىتىپ ئاققۇزدى؛ سۇ بايلىقىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك تارقىلىشى تەڭپۇڭ بولمىسا، تاغنى توسۇپ توسما ياساپ، شىددەت بىلەن ئېقىپ چۈشكەن كەلكۈن سۈيىنى يىغىپ زۇمرەتتەك كۆلگە ئايلاندۇردى؛ يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا كېتىدىغان سۇ كۆپ بولسا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، باستۇرۇپ سۇغىرىشنىڭ ئورنىغا دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىشنى دەسسەتتى.
ئەگەر سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش مۇزلۇقتىن ئېرىپ چىققان ھەربىر تامچە سۇنى قەدىرلىگەنلىك دېيىلسە، ئۇنداقتا قوغداش رايونىنى ئايرىش، ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىگە چەك قويۇش، مۇزلۇققا «يوتقان يېپىش» قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئېنىقكى مۇزلۇقنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنغان بوشاشماس تىرىشچانلىقتۇر. ھەتتا يىراققا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ «چەكسىز شامال، يورۇقلۇق»تىن ئىبارەت يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمۇ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى پەسەيتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقتىكى ئاپئاق مۇزلۇقنى قوغدىغانلىقتۇر.
ھەربىر كىچىك مۇز كىرىستالى نەچچە مىليون يىللىق ئۇيۇشۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ھەيۋەتلىك مۇزلۇقنى شەكىللەندۈرىدۇ، «تاما- تاما كۆل بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ خىل سەۋرچانلىق، «سۇ تامچىلاپ تاشنى تېشىش»تىن ئىبارەت بۇ خىل چىدامچانلىق دەل سۇ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش، «ھاياتلىق بۇلىقى»نى ياخشى قوغداشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك روھ.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)