ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، ئالاقىدار يولداشلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش- ئېچىش، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر كان رايونى ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە كۆمۈرنى ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇش، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش- ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، شىنجاڭغا مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورۇن بېكىتمىسىنى بەلگىلەپ بەردى. بىز سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىقى ۋە كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە بايلىقى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيە ئېڭى، سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق ئىش كۆرۈش، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش- ئېچىش جەھەتتە مۇھىم بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىجادچانلىق بىلەن ئىلمىي پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆمۈر كانلارنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆمۈرنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى ۋە پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆمۈردىن ماي- گاز ئېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئادەمسىزلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق قۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەھمىيىتى زور. ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش- ئېھتىياج يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئاساسلىق غول تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، كەلگۈسى تەرەققىياتقا يېتەرلىك ئىمكانىيەت قالدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شەھەر يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورىنى پىلانلاپ قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، قاپلاش، ئۇزارتىش ۋە تۇتاشتۇرۇش، ئۇلاشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشتىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇھىم بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى دەل جايىدا پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتۇپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى نۇرغۇن تېپىلغۇسىز ئاكتىپ ئامىل ۋە پايدىلىق شارائىتقا يۈزلەنمەكتە. ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىستېمالنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يېڭى بوشلۇقىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)