3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ۋاڭ گې قەغەز قىيما ئەسىرى «گۇاچيەن»نى كۆرسەتمەكتە. گۇاچيەن جۇڭگونىڭ شىمال رايونىدىكى ئىشىك بېشى ۋە پېشايۋانغا چاپلىنىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى قەغەز قىيما سەنئىتىدۇر.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش سەھنىسىدە، ئاياللار ئۆزىگە خاس بولغان «ئاياللار ئەقىل- پاراسىتى» ۋە «ئاياللار كۈچى» ئارقىلىق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە. 67 ياشقا كىرگەن ۋاڭ گې ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن بىرى بولۇپ، 50 نەچچە يىل بارماق ئۇچى سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. 3- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كېلىپ، ۋاڭ گېنىڭ قايچا ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.
ۋاڭ گې (ئوڭدا) كۆپچىلىككە ئالتە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەغەز قىيما ئەسىرى «ۋەتەنگە گۇۋاھ بولۇش»نى كۆرسەتمەكتە.
ۋاڭ گېنىڭ دۇنياسىدا بىر قايچا، بىر قەغەز ئارقىلىق بارماقلىرىنى ئوينىتىپلا، قۇش، گۈل- گىياھ، ئوت- چۆپ، قۇرت- قوڭغۇز، بېلىق، ھايۋاناتلارنى ھەم ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قەغەزگە قىيىپ چىققىلى بولىدۇ. 2018- يىلى، ۋاڭ گې شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدى بىلەن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا ماكانلاشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 30 نەچچە يىللىق قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىگە تايىنىپ، تۈرلۈك قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ ئۇ ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىگە سىڭدۈرۈپ، قەغەز قىيمىنى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.
ۋاڭ گې كىچىكىدىن ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، تۆت يېشىدىن باشلاپلا مومىسى ۋە ئاپىسىنى دوراپ، قايچىنى قولىغا ئېلىپ، گۈل- گىياھ، قۇش، بېلىق، قۇرت- قوڭغۇزلارنىڭ سۈرەتلىرىنى قىڭغىر- سىڭغىر قىلىپ قىيىپ چىقاتتى.
ۋاڭ گېنىڭ بىر قىسىم قەغەز قىيما ئەسەرلىرى.
2009- يىلى، ۋاڭ گې ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەغەز قىيما قول ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولدى، ئۇ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. ھازىر ئۇ شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ قول ھۈنەر- سەنئىتى گۈزەل سەنئەت ئۇستىسى، سەنئەت كەسپى لېكتورى.
3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋاڭ گې قەغەز قىيما ئىشخانىسىغا بېرىپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئۆگەندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋاڭ گېنىڭ قەغەز قىيما ئەسەرلىرى ھەر دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ئارقا- ئارقىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت كۆرگەزمىسىدە قول ھۈنەر- سەنئىتى بويىچە چېۋەر قول مۇكاپاتىغا، 46- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كۈمۈش مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشتى، «دولان مۇقامى» قاتارلىق ئۈچ پارچە ئەسىرى جۇڭگو قەغەز قىيما مۇزېيى تەرىپىدىن مۇزېيدا ساقلاندى. كۆپلىگەن ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچىدە كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلدى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك دوستلار، شۇنداقلا كەڭ ھەۋەسكارلار تەرىپىدىن يىغىپ ساقلاندى.
ۋاڭ گې مەبلەغ چىقىرىپ ئۈرۈمچىدىكى ئەنەنچۈي مەدەنىيەت بازىرىدا شىنجاڭ قەغەز قىيما مۇزېيى قۇردى. زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت
ۋاڭ گې ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، يەنە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قەغەز قىيما ھۈنىرىنى ئۆگەنگۈچىلەرنى تەربىيەلەشكە قاراتتى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قەغەز قىيمىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى سەنئەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۈزدىن ئارتۇق مەكتەپ، مەھەللىگە بېرىپ، جاي- جايلاردا مىڭ مەيداندىن ئارتۇق دەرس ئۆتتى. ئۇ يەنە مەبلەغ چىقىرىپ ئۈرۈمچىدىكى ئەنەنچۈي مەدەنىيەت بازىرىدا شىنجاڭ قەغەز قىيما مۇزېيى قۇردى.
«قەغەز قىيما مۇزېيى كۆرگەزمە قىلىش بىلەن تەتقىقات- ئۆگىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش سېپىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، قەغەز قىيما قول ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم»، دېدى ۋاڭ گې مەغرۇرلانغان ھالدا.