شىنجاڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامىنى ئېلان قىلدى
11:12:24 2025-03-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«ماناس» ئېپوسىغا تايىنىپ كۆپ خىل شەكىلدىكى سەنئەت ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) قانداق قىلىپ مىڭ يىللىق تارىخىي ئېپوسنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ، بۇ ئىلگىرى «ماناس» ئېپوسىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ نىزام چىقىرىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە دەل جايىدا جاۋاب بەردى.

3- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. «نىزام»دا «ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش»، «ئەدەبىيات، سەھنە سەنئىتى، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو- تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى سەنئەت ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش» قاتارلىقلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «نىزام» بۇ يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«بۇ، <ماناس>نى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بارلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە قانۇنچىللىق ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كاپالەتلەندۈرۈشنى شىنجاڭ لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «ماناس» قىرغىز مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى، «گېسار» «جاڭغىر» بىلەن بىللە «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈچ چوڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى» دەپ ئاتالغان، نىزام چىقىرىپ قوغداش تولىمۇ زۆرۈر.

«نىزام» جەمئىي 26 ماددا بولۇپ، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش تەدبىرلىرىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشتىن تەتقىق قىلىش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىشقىچە، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى، تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىلمىي مۇھاكىمە، خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگىچە، ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى سىستېمىلىق، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

ئادەم، مالىيە، ماددىي جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. «نىزام»دا ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، خىراجەت مەنبەسى، ۋارىسلىق قىلىش سورۇنى قۇرۇلۇشى، ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ماناس بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەم تۇنجى قېتىم ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تارقالغان جايى ۋە ماناس ئېپوسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ئېنىق بېكىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى پېڭ چېڭ مۇنداق دېدى: «نىزام»دا دىققەت ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«نىزام»دا يەنە ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، «ماناس» ئېپوسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاغزاكى ئېيتىلىش نۇسخىسى، ۋارىسلىق قىلىش نۇسخىسى، ئەنئەنىۋى ئېيتىش سەنئىتى ۋە ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا مۇناسىۋەتلىك كىيىم- كېچەكلەر، ئەنئەنىۋى چالغۇلار، ئۈن- سىن ماتېرىياللىرى، يادىكارلىقلار ۋە باشقا ئىپادىلەش شەكىللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىلمىي قوغداشنى يولغا قويۇشنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«نىزام»نىڭ ماقۇللانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ماناسنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ۋارىسى جاننۇر تۇرغانباي چوڭقۇر ئىلھاملىنىپ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ <ماناس>قا ئوخشاش بۇنداق مەدەنىيەت مىراسى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ھازىر ۋارىسلىق قىلىش، قوغداشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بار بولدى، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق.» ئۇ، «ماناس»نى قىزغىن سۆيىدىغان تېخىمۇ كۆپ ياش ۋارىسلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئېپوسنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىشنى، ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

«نىزام چىقىرىپ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى نامايان قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى ئابىدە.» شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇاڭ خەن مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە قانۇنچىللىق سىستېمىسى بويىچە قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ- ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ كۈچ قوشۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۈلزارلىقىدا راسا پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125