مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە»نىڭ چوڭ سىزما ئۇسلۇبىدىكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى قويۇلدى
17:55:21 2025-03-28 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 3- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە، مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سۇڭلىڭ ئويۇن قويۇش مەركىزىدە قويۇلدى، لاچىن بايەكەنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى سەنئەت شەكلىدە تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىندى.

مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە»نىڭ سەھنە كۆرۈنۈشى (3- ئاينىڭ 22- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

 مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە» 2022- يىلى 4- ئايدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كەڭ تەسىر قوزغىدى ھەم ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى ۋە مەملىكەت بويىچە يېڭى دەۋردىكى سەھنە سەنئىتى مۇنەۋۋەر نومۇرلار كۆرگەزمە ئويۇنىغا قاتناشتى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان 2- نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر مۇزىكىلىق تىياتىر كۆرىكىگە قاتنىشىدىغان ئەسەر بولۇپ تاللاندى.

مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە»نىڭ سەھنە كۆرۈنۈشى (3- ئاينىڭ 22- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە»نىڭ سەھنە كۆرۈنۈشى (3- ئاينىڭ 22- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

 بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئويۇنىدا، بۇ مۇزىكىلىق تىياتىردا ئىلگىرىكى ئاساستا دادىل يېڭىلىق يارىتىلدى، يەنى ئوخشاش بولمىغان بەش مەزگىلدە ياشىغان لاچىن بىرلا ۋاقىتتا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى، تاماشىبىنلار ئوخشاش زامان ۋە ماكاندا قەھرىماننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، ئاخىرلىشىش قىسمىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى كۆرۈش سېزىمى جەھەتتىكى تەسىراتنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە تاماشبىنلارغا لاچىن بايەكەنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، كىشىلەرگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى بېغىشلىدى. پۈتكۈل مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ سەھنە گۈزەل سەنئەتچىلىكى چوڭ سىزما ئۇسلۇبىدا بولۇپ، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، خور قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى كۆرۈنۈشلەر، ئەمەلىي كۆرۈنۈش سۇپىسى بىلەن كۆپ ۋاسىتىلىك تەسۋىر چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، تاجىك مىللىتىنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى نامايان قىلىدىغان كۆرۈنۈش ئۈنۈمى ۋە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تەبىئىي مۇھىت ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىپ بېرىلدى. سەھنىدە نۇر چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ھەربىر نۇر ئاستىدا لاچىن بايەكەنىڭ ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق مەزگىلى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئوبرازى ئېنىق يورۇتۇپ بېرىلدى، ۋاقىتنى يىپ ئۇچى قىلىش ئارقىلىق لاچىن بايەكەنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ھەربىي سەپكە قاتنىشىش، توي قىلىش، چېگرانى قوغداشتىن تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولۇشقىچە بولغان بارلىق كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلدى. رېئال تەسۋىر بىلەن چوڭ سىزما بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قىسقا ھەم ئاددىي بولمىغان ھاياتى نامايان قىلىندى. ئارتىسلار پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن نومۇر ئورۇنلاپ، تىللاردا داستان بولغان، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن بۇ دەۋر ئۈلگىسىنى جانلىق نامايان قىلىپ بەردى.

مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە»نىڭ سەھنە كۆرۈنۈشى (3- ئاينىڭ 22- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە»نىڭ سەھنە كۆرۈنۈشى (3- ئاينىڭ 22- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مۇزىكىلىق تىياتىر «لاچىن بايەكە»نىڭ سەھنە كۆرۈنۈشى (3- ئاينىڭ 22- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125