− ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى
ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە بارلىق شەيئىلەر جانلاندى.
ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ مۇشېن ماشىنىسازلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا كېرەكلىك يەر تۈزلەش ماشىنىسى، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، يىغىۋېلىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، بەزى ئۈسكۈنىلەر جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىشكە ئەۋەتىلەتتى.
پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى تېخىمۇ «ئاقىللىشىپ»، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە سانائەتنىڭ «يېڭىلىنىپ» دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياسىمىچىلىقنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپ ئاساسىنى قايتا بەرپا قىلىشنى ۋە زور تېخنىكا جابدۇقلىرى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئۈرۈمچى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ياراتتى.
ئۈرۈمچىنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى توپلاشقان رايونى بولغان ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن 223ى بار بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يېقىننى ئىگىلەيدۇ، بۇ رايون تۈر ئارقىلىق يېتەكلەش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
3- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 2024- يىللىق «تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى بويىچە 20 كۈچلۈك كارخانا» ۋە «تېخنىكا توختامى بويىچە تىزىملانغان ئون كۈچلۈك كارخانا»غا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، بۇ كارخانىلار شىنجاڭ مۇشېن ماشىنىسازلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ دېئەن مۇھىتنى قوغداش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
شىنجاڭ مۇشېن ماشىنىسازلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆپ خىل «چولپان مەھسۇلاتى» بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
شىركەت تېخنىكا مەركىزىنىڭ تۈر مەسئۇلى فۇ شياۋلى مۇنداق دېدى: كارخانىمىز يىغىش مىقدارى زور بولغان كۆممىقوناق يىغىش ماشىنىسىنى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ ماشىنىنىڭ ئون نەچچە تۈرلۈك ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تېخنىكا جەھەتتە دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ يىغىش مىقدارى زور بولۇش، دانلىق زىرائەتلەرنى يىغىشتىكى زىيىنى ئاز بولغان دان ئايرىش تېخنىكىسى دۆلەت ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، يېڭى ماشىنا تىپىنىڭ ئۈنۈمى ئالدىنقى ئىككى ئەۋلاد ماشىنا تىپىغا سېلىشتۇرغاندا %30 ئاشتى.
فۇ شياۋلى مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ھەر يىلى %5تىن تۆۋەن بولمىغان تىجارەت كىرىمىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىشلىتىدۇ. كارخانىمىز بۇ يىل رەقەملەشكەن لايىھەلەش ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەردىكى كاشىلىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، يىراقتىن مەشغۇلات قىلىش- ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم يېڭى ئېنېرگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم مەنبەسى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ۋاسىتىسى، بۇ ئىككىسى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، بىر- بىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۆلەت دەرىجىلىك «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كىچىك گېگانت» كارخانا بولغان شىنجاڭ دېئەن مۇھىتنى قوغداش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى %4تىن %10كىچە بولغان تىجارەت كىرىمىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا سەرپ قىلىدۇ.
بۇ شىركەتنىڭ مۇھىتنى قوغداش كەسىپلىرى سۇ بىلەن تەمىنلەش، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش، كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە چېتىلىدۇ. 20 يىلدىن بۇيان، بۇ كارخانا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەم دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردە 383 تۈرنى، 100گە يېقىن پەن تەتقىقات تۈرىنى تاماملاپ، 40قا يېقىن پاتېنتنى قولغا كەلتۈردى.
شىركەت پەن- تېخنىكا تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ليۇ خەييەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل يېزىلاردىكى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەتنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى داۋاملىق چۆرىدەپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىمىز ھەم پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
سانائەت كارخانىلىرى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىمۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان سىنك، ئاليۇمىن، ماگنىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرغان بولۇپ، بۇ لىنىيەدە نۇرغۇن سانائەت ماشىنا ئادىمى ئىشلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پەن- تېخنىكا باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چۇاڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە كارخانىمىز يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كەسىپ زەنجىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۆپ تەرەپتىن تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېشىللاشتۇرۇش جەھەتتە، مول ھىدروگېن- كاربون ئايلانما تۆۋەن كاربونلۇق مېتاللۇرگىيە تېخنىكىسى 2500 كۇب مېتىرلىق دومنا پېچتا تاۋارلاشتۇرۇپ قوللىنىلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك تەرەققىيات جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك، چىرىتىشكە چىداملىق يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئاچىدۇ، كېڭەيتىدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، ئەنئەنىۋى پولات- تۆمۈر كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولىدۇ.
2024- يىلى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىش- ئېچىش سېلىنمىسى 2 مىليارد 660 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى؛ 261 پارچە تېخنىكا توختامى ئىمزالاندى، توختامدىكى سومما 646 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئومۇمىي ساننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يېقىننى ئىگىلىدى.
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايون)لىق پەن- تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن پېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە «سىياسەت يېتەكچىلىكى + كەسپىي مۇلازىمەت» خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يىل ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا سانىنى 270تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كەسپىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈش»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يەنە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار بىلەن ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن- تېخنىكا كەسپى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرىمىز. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)