مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرى + كارتون كۆرگەزمىسىدە مول ئىجادىيەتلەر نامايان بولىدۇ
3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى «مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتكە كۈچ قوشۇش» مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرى پائالىيىتى 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 3- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2025- يىللىق 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى مەخسۇس تېمىسىدىكى تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، پائالىيەت مەزگىلىدە 23 خاس كۆرگەزمە ئورنىدا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت نەتىجىلىرى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىنىدىكەن. ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان كىيىم- كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدىن نەپىس، قولدا ئىشلەنگەن سىپتا چالغۇلارغىچە، كەشتە بۇيۇملىرىدىن ياغاچ ئويما بۇيۇملىرىغىچە، ئاددىي ساپال بۇيۇملاردىن خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يېمەكلىكلىرىگىچە ھەربىر كۆرگەزمە بۇيۇمىدا شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت ئۆرپ- ئادىتى جانلىق نامايان قىلىنىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن، كۆرگەزمىدە ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھۈنەر- سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىدىكەن، ھەم زامانىۋى لايىھەدە يېڭىلىق يارىتىلىدىكەن. «قەشقەر سوۋغىسى» كۆرگەزمە رايونىغا خاس مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى «قەشقەر سوۋغىسى»نى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. بۇ بىر مەيدان مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان كارتون كۆرگەزمىسى بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ قېتىمقى كارتون كۆرگەزمىسىدە «ئەنئەنىۋىلىك بىلەن مودا ئېقىمنىڭ ئىككىلەمچى بوشلۇق ھالقىغان سۆھبىتى» باش تېما قىلىنىپ، ئىككىلەمچى مەدەنىيەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەۋلادلار ئارا مەدەنىيەت سۆھبىتى سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق Coserلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، Cosplay كۆرگەزمە ئويۇنى، ئۇچرىشىش يىغىنى، ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى قاتارلىقلار تەشكىللىنىدىكەن. (مۇخبىر لى كەي)