​3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا سەنئەت تۈسى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ
18:34:00 2025-04-01 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 تىياتىر كۆرىكىدە قويۇلىدىغان تىياتىر 29غا يېتىدۇ

 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. تىياتىر نومۇرلىرى كۆرىكى 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم 29 تىياتىر كۆرەك قىلىپ، 70 نەچچە مەيدان ئويۇن قويۇش پىلانلانغان.

 مۇخبىرنىڭ 3- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2025- يىللىق 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى مەخسۇس تېمىسىدىكى تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمىدا 29 تىياتىر كۆرەك قىلىپ، 70 نەچچە مەيدان ئويۇن قويۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا 15 تىياتىر، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا 14 تىياتىر قويۇلىدىكەن. %60 كۆرەك ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، قالتىس مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈلىدىكەن.

 كۆرەك دىراما، ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر، مەنزىرىلىك دىراما، دېكلاماتسىيە تىياتىرى، جىڭجۈ تىياتىرى، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى، سىمفونىيە قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى تىياتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەسىلەن، دېكلاماتسىيە تىياتىرى «سېن شېن. دەل- دەرەخلەر ئاقىرىپتۇ نەشپۈتنىڭ گۈل- چېچىكىدەك»، جىڭجۈ تىياتىرى «خۇڭنياڭ» قاتارلىق ياخشى تىياتىرلار ئارقا- ئارقىدىن قويۇلىدىكەن.

 بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى تىياتىر كۆرىكىدە ياش- ئۆسمۈرلەر توپى گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن، مەسىلەن، بالىلار تىياتىرى «دېڭىز. قوي»، «كىچىك شاھزادە» ھەمدە دىراما «كوئېنلۇن ئوغلى»، سەھنە تىياتىرى «ساپ مۇھەببەت پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن»نى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى قاتارلىقلار 17 مەيدان (قېتىم) ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ يەنيۇڭ مۇنداق دېدى: كىچىك تىياتىرخانىلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىياتىر كۆرىكىدە تەجرىبە خاراكتېرى ۋە ئاۋانگارتلىق نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىجادىيەتچىلەر يېڭى ئويۇن قويۇش شەكلى ۋە مەزمۇنى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى كىچىك تىياتىرخانىلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىياتىر كۆرىكىدە بىڭتۇەن ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە سەنئەت مەكتەپلىرى، ئويۇن قويۇش تەشكىلاتلىرى، خەلق ئىچى سەنئەت ئۆمەكلىرى يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئىجاد قىلىپ ئورۇنلانغان ئوپېرا، دىراما، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، مۇزىكىلىق تىياتىر، شىچۈ تىياتىرى تۈرىدىكىلەر ئىچىدىن كىچىك تىياتىرخانىلاردا قويۇلغان مۇنەۋۋەر تىياتىرلارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاش پىلانلاندى.

 سەنئەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى كىچىك تىياتىرخانىلاردا ئۈچ مەيدان (قېتىم)دىن تۆت مەيدان (قېتىم)غىچە مەركەزلىك ئويۇن قويۇلىدۇ، نەق مەيداندا ئىجادىيەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئوبزورى بويىچە بىر تىياتىرنى بىر باھالاش خىزمىتى تەشكىللىنىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى سەنئەت تۈرلىرى ئىجادىيىتى ۋە ئارتىس- خىزمەتچىلەر ئۈچۈن كەڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسى ھازىرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تىياتىر سەنئىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

 جاۋ يەنيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا يەنە مۇنەۋۋەر ساياھەت ئويۇنى تىياتىر نۇمۇرلىرى كۆرىكى قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مەدەنىيەت ۋەكىللىك خاراكتېرىگە، بازار تەسىر كۈچىگە ۋە تىجارەت يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بىردىن ئىككىگىچە تىياتىرنى تاللاپ يوللايدۇ. مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى، سەنئەت ئىپادىسى، تىجارەتتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئالدىنقى %30لىك نىسبەت بويىچە «مۇنەۋۋەر ساياھەت ئويۇنى تىياتىر نۇمۇرلىرى كۆرىكى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ خاس ساياھەت ئويۇنلىرىنى قويۇشىغا، تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇنىدۇ. (مۇخبىر لى كەي) 

دېكلاماتسىيە تىياتىرى «سېن شېن. دەل- دەرەخلەر ئاقىرىپتۇ نەشپۈتنىڭ گۈل- چېچىكىدەك»تىن كۆرۈنۈش. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125