پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك!
— 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى