ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
22:03:27 2025-04-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

 يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك

 چېن مىڭگو ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتىدە، ما شىڭرۇي نۇقتىلىق بۇلغىمىلارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەمەلىي ۋاقىتلىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى، بۇلغىنىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، تۈزەش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتىكى ئاچقۇچ، سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. نىشاننى بوشاشتۇرۇپ قويماي چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئاتموسفېرا مۇھىت باشقارمىسى قاتارلىق كەسپىي باشقارما- ئىشخانىلارغا كىرىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق ئىلگىرىلىشى، بىر- بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېكولوگىيە- مۇھىت تارماقلىرىنىڭ خىزمەت كۈچىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلىپ، ئورگان كادىرلىرىنىڭ نۇقتىلىق رايونلارغا، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە بېرىپ ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خىزمەت ئىقتىدارى سەۋىيەسى ۋە سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

4- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمىتى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى باشقارمىسىدا غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش باشقارمىسى، جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمىتى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى باشقارمىسى، «ئىككى كارخانا، ئۈچ يېڭى» پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى باشقارمىسى قاتارلىق باشقارما- ئىشخانىلارغا كىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ھەم ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، ھەم رايون ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش كېرەك. بولۇپمۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا قاراپ ئۈنۈملۈك كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىق كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تىرىشىپ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەتنى تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولماسلىق، تەتقىق قىلىشنى خالىماسلىق، تەتقىق قىلىشنى بىلمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك. دىققەتنى خىزمەت جەريانىدىكى گەۋدىلىك بوغما ھالەت چەكلىمىسى ۋە دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ، ئىجتىھات بىلەن تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تەتقىق قىلىش داۋامىدا نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تونۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، پىكىر يولى، چارە- ئاماللارنى تېپىپ چىقىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125