ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
19:22:07 2025-04-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

مۇقىملىقنى قوغداش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش پەن- تېخنىكا تىرەك تۈرى ۋە نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش پەن- تېخنىكا تىرەك تۈرى ۋە نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ھەقىقىي پۇختىلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق مەسىلە، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا چىڭ قادىلىپ، «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش بىلەن باشقا نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش- ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 يىغىندا مەركەزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق رايون، چېگرا رايون ۋە مۇھىم تۈگۈنلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خەۋپ- خەتەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، زور يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدە ۋاقتىدا تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلتىماس تەلەپلەرنى ئىپادىلەش يوللىرى ۋە پىكىر بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي توپلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىندا تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تىرەك تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ مۇنداق تەكىتلەندى: تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى، ھاۋا سۈپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، جەزمەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، پەن- تېخنىكا تىرەك بولۇش، كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتلاملىق، تۈپ مەنبەلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردىكى بوغما ھالەتنى سىجىل بۇزۇپ تاشلاپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تېخنىكا لايىھەسى شەكىللەندۈرۈپ، رايوننىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرەك بولۇش كېرەك. توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق تېمىلارنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا سۇ بىلەن نۇقتىلىق تەمىنلەش، سۇ تېجەش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ زامان- ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، سۇ ساقلاش، تەڭشەش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا. شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىكى تەخىرسىز ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ۋە كەلگۈسى نەزەر بىلەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر چوڭ- چوڭ سۇچىلىق تۈرلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، قەرەلىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ پۇختا سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125