بىر پارچە سالام خەتتىكى سەمىمىي مۇھەببەت، چوڭقۇر ھېسسىياتنى قايتا ئوقۇش
00:00:34 2025-04-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«ئەسلىمنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ، ئۆيگە قايتسام تېخىمۇ بولمايدۇ.» قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قايغۇلۇق ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان چىڭمىڭ مەزگىلىدە، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بىر پارچە سالام خېتىدىكى ھەربىر سۆزدىن قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ، كۆزلىرىمىزنى ياشقا تولدۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى چەكسىز سېغىنىشنى ئۇلغايتتى. ئۆڭۈپ كەتكەن خەتلەر بۇ باھاردا قايتا ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتى بىلەن پۈتكەن سەمىمىي مۇھەببىتى، چوڭقۇر ھېسسىياتى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈردى.

بۇ سالام خەتنى يازغان ئىنقىلابىي قۇربان يۈەن سۇڭخې ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شىنجاڭغا كىرىش سەپىرىدە، يىراقتىكى يۇرتى خېنەندىكى تۇغقانلىرىنى ياد ئېتىپ، ھەربىر جۈملە سۆزىدە ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ قومۇلدا باندىتلارنى يوقىتىش جېڭىدە قۇربان بولغان. ھالبۇكى بۇ سالام خەتتە، ئۇنىڭ ئائىلە ۋە دۆلەتكە بولغان ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزھارى قالغان.

70 نەچچە يىلدىن كېيىن، نىڭبو مالىيە- ئىقتىساد شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بۇ سالام خەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىزگە ۋاقىت قاتلاملىرىدىن ھاياتنىڭ قىزغىن ھارارىتىنى ھېس قىلدۇردى. ھالبۇكى، شىنجاڭ، جېجياڭ، خېنەن ئۈچ جايدىن ھالقىپ، سالام خەتنى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ۋاكالىتەن «ئۆيىگە يەتكۈزۈش»كە كۈچ ئۇلىغانلىقى كېيىنكىلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق قوغدىغان بۇ تۇپراقنىڭ ئەجدادلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلىكى ۋە تۆھپە قوشقانلىقىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەسەللى بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.

پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدىغان مۇلايىم كىشىنى ئوخشاشلا ئەزىمەت دېيىشكە بولىدۇ. بىز ھەر قېتىم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ سالام خېتىنى ئاچقىنىمىزدا، ھەمىشە ئاشۇ سەمىمىي، مۇلايىم ھېسسىياتتىن تەسىرلىنىمىز. « يى ياڭ، بۇ خەتنى كۆرسىڭىز يۈز كۆرۈشكەندەك بولىمىز» دېگەن بۇ سۆزدە مۇلايىملىققا تولغان ئەر- خوتۇنلۇق ھېسسىيات ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ؛ «نىڭ ئېر! تېزرەك چوڭ بولغىن» دېگەن بۇ سۆزلەردىن قايغۇ- ھەسرەتكە تولغان ئانا مېھرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ؛ «دادام دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل كۈتۈنمەكچى بولغانىدى، ھازىر سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدىمۇ» دېگەن بۇ سۆزدىن ۋاپادارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ھايات- ماماتلىق ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلار جەڭچى، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتى، ئاتا- ئانىسى، قېرىندىشى، كىممۇ قېرىنداشلىق مېھرى، سۆيگۈ مېھرىنى ئارزۇ قىلمىسۇن، لېكىن دۆلەت ھەققانىيىتى ئالدىدا، ئۇلار قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھەتتا ئەۋلادلارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى تاللىدى، بۇ مەردانە ھەققانىيەت ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ خۇاشيا زېمىنىنىڭ ھەربىر سۇڭ تاغ- دەريالىرىغا مۇجەسسەملەندى.

«مەن سىز سۆيگەن بۇ دۇنيانى سۆيىمەن، چېھرىڭىزدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.» بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىز تىنچ- ئامان، خۇددى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بولدى، ئەمما بىز ئاشۇ سالام خەتتىكى قىزغىن سۆز- جۈملىلەر بىلەن ئۇچراشقىنىمىزدا، بىلمەكچى بولغىنىمىز يېزىلغان بۇ «جاۋاب خەت»تە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن ئېھتىمال تېخىمۇ گۈزەل ئەتە بولۇشى مۇمكىن.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125