ئۇنىڭ تيەنئەنمېن ئالدىدا چۈشكەن سۈرىتى ئۆيىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېسىلغان
00:01:10 2025-04-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«گەرچە مەن بېيجىڭغا بارغان، تيەنئەنمېننى كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن يەنىلا كۆرگۈم كېلىدۇ. بۇ قېتىم ئىشىكىمىز ئالدىدا <تيەنئەنمېن> بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشنى ئەلۋەتتە قولدىن بېرىپ قويسام بولمايدۇ» دېدى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى 65 ياشلىق ئەخەت سايىت.

ئەخەتنىڭ ئۆيى خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىنىڭ قۇمئېغىل كەنتىدە. يېقىندا، ئاۋات يېزىسىنىڭ تەشۋىقات كادىرى خۇ چۇنفاڭ فوتوئاپپاراتى ئارقىلىق كەنتتىكىلەرنى «تيەنئەنمېن» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە تارتىپ قويدى، ئەخەتمۇ كىشىلەر ئارىسىغا قىستىلىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، خۇشال ھالدا «تيەنئەنمېن» ئالدىدا بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. «خوتۇنۇم يوق ئىدى، مەن يېقىن ئاغىنەم بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشۈشكە كېلىشىپ قويغانىدىم، لېكىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئىشى چىقىپ قېلىپ كېلەلمىدى، مەن ساقلاپ تۇرماي ئۆزۈم سۈرەتكە چۈشتۈم» دېدى ئەخەت كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئەخەت ئىلگىرى قۇمئېغىل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىدى. 2010- يىلى، ئۇ ئاۋات يېزىسىدىكى باشقا مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى بىلەن بىللە بېيجىڭغا بېرىپ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتناشتى. بۇ، ئەخەتنىڭ 1- قېتىم بۇنداق يىراق جايغا بېرىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ 1- قېتىم تيەنئەنمېننى كۆرۈشى ئىدى. ئاشۇ كۈنى ئۇ دۆلەت بايرىقى ئاستىدا تۇرۇپ، تيەنئەنمېننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ بىر پارچە سۈرەتكە چۈشتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ سۈرەت ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېسىقلىق.

«بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، شۇنداقلا ئەڭ پەخىرلىنىدىغان بىر پارچە سۈرەت» دېدى ئەخەت.

قۇمئېغىل كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ سودا قىلىش ئەنئەنىسى بار، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقىپ جاھان كېزىپ باققان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەخەت ئىزچىل يىراق جايغا سەپەرگە چىقىپ باقمىغان، شۇڭا ئەينى يىلى ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا ئۆگىنىشكە بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلانغانىدى.

«ئەگەر پۈتۈن جۇڭگودا جەزمەن بېرىشقا تېگىشلىك بىر جاينى تاللاشقا توغرا كەلسە، چوقۇم بېيجىڭنى تاللايمەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى دائىم باشقىلارنىڭ بېيجىڭغا بارغانلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىسام بەك ھەۋەس قىلاتتىم، ئاشۇ قېتىم ئاخىر بۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم».

ئەخەتنىڭ پېنسىيەگە چىققىنىغا سەككىز يىل بوپتۇ. ئادەتتە ئۇ ئائىلىسىنىڭ بەش مو يېرىنى ياخشى پەرۋىش قىلغاندىن سىرت، يەنە دائىم كەنت تەشكىللىگەن تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە قاتنىشىدىكەن. ئۇنىڭ بىرنەچچە بالىسىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى بار ئىكەن. ئۈچ يىل ئىلگىرى، كىچىك قىزى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خاڭجوۋغا بېرىپ كاۋاپخانا ئاچقان بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خاڭجوۋدىكى تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىدىكەن، ئەخەت بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەن. بۇ يىل، بىكار تۇرۇپ قالسا ئىچى پۇشىدىغان ئەخەت خىمىيەۋى ئوغۇت، يەم- خەشەك دۇكىنى ئېچىپ، ھەر ئايدا 3000- 4000 يۈەن كىرىم قىلىۋېتىپتۇ.

«ھۆكۈمەت نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزگە يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى، يەنە توك پارۋاي ئورنىتىپ بەردى، مېنىڭ كىرىمىم خوتۇنۇم ئىككىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ، تۇرمۇشتا ھېچقانداق غېمىمىز يوق. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت» دېدى ئەخەت.

ئەخەت ئادەتتە تېلېۋىزوردا خەۋەر كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسى ئۇ ھەر كۈنى جەزمەن كۆرىدىغان پىروگرامما ئىكەن. «مەن تېلېۋىزوردىن تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېڭىدىن نۇرغۇن گۈل سېۋىتى قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم، بەك چىرايلىق ئىكەن. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن، بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەت بەرگەن!» دېدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125