− شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ
چىڭمىڭ بايرىمى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، قەھرىمانلارنىڭ ئىزىنى ئىزدەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىدى.
4- ئاينىڭ 1- كۈنى، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى جىيا يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ۋېنيۇڭ يولىغا كېلىپ، بېغىشلىما تاختىسى ئالدىغا گۈل تەقدىم قىلىشقا تەشكىللىدى.جو پىڭپىڭ فوتوسى
قارىغاي، ئارچىلار ئارىسىدا ئابىدىلەر ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 3- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 29- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى رەتلىك تىزىلىپ، قوللىرىغا جۇخارگۈلى ئېلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ مۇنداق قەسەم بەردى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەڭگۈ ئىنقىلاب ئىزباسارلىرىدىن بولىمىز.
ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەش ھېكايىلىرى، تەسىرلىك ئىنقىلابىي كۆرۈنۈشلەر... كۆپچىلىك ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇشتىن باش تارتمايدىغان قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
«يېڭى دەۋردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھازىرنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئۆزۈمنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى خاتىرجەم قىلىمەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 29- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى لى روتۇڭ.
جۇڭخۇا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار تورىغا چىقىپ، «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» مەخسۇس رايونىغا كىرىپ، 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 35- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋەن ئېنلو جۇڭخۇا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار تورى ئارقىلىق، توردا تەزىيە بىلدۈرۈپ، تەزىم قىلىپ، گۈل تەقدىم قىلىپ، سۆز قالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 35- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى توردا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەش، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش، باش تېمىلىق ئەترەت يىغىنى ئېچىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىپ، ياد ئېتىشتىن كۈچ- قۇۋۋەت ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى.
«ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن، مەن چوقۇم تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى ۋەن ئېنلو.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر چىڭمىڭدا قەبرە سۈپۈرۈش، ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى ھەمبەھرىلەش، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، چىڭمىڭدا ھېكايە سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.
يېشىل تاغلار سۈكۈتتە تۇرار، ئابىدىلەر مەڭگۈ ساقلىنار. 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم سۈكۈتتە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئارقىدىن، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرە تېشىنىڭ يېنىغا كېلىپ، قەبرە تېشىدىكى چاڭ- توزانلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرتتى، گۈل تەقدىم قىلدى، قەبرە تېشىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىسىنى ئىگىلىدى، ئاشۇ قاينام- تاشقىنلىق يىللارنى ياد ئەتتى.
«بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قايغۇلۇق ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەپ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ۋە ئىنقىلابىي روھىدىن ئۆگىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، چوڭ بولغاندا تىرىشىپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى بۇ مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ جيەنجۇڭ.
4- ئاينىڭ 1- كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرى سېغىن سۆگەت باشلانغۇچ مەكتىپى «چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، روھقا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار كۇچا شەھەرلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ، شانلىق تارىخنى قايتا ئەسلەپ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەندى.
«مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە سىڭدۈرۈپ، قىزىل گېنغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدۇرىمەن» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جېڭ شياڭيى.
4- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ناھىيەسىدىكى «ۋېنيۇڭ يولى» بېغىشلىما تاختىسى ئالدىدا، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 40 نەچچە ئوقۇغۇچى تەمكىن قىياپەتتە، ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلىپ، تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا «ۋېنيۇڭ يولى»نىڭ بارلىققا كېلىشى ھەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، بالىلارنى دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن ئىرادە باغلاشقا ئىلھاملاندۇردى.
«مەن چوقۇم ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشۇمنى قەدىرلەپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر بولىمەن» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋاجىت ئابدۇلئەزىز.