ۋېنيۇڭ يولى گۈل دېڭىزىغا ئايلاندى
21:37:32 2025-04-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

4- ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەر، قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەندە، تۇنجى دەستە ئاق جۇخارگۈلى ۋېنيۇڭ يولىدىكى يول تاختىسى ئالدىغا ئاستا قويۇلدى. شەبنەم چۈشكەن گۈل بەرگىلىرى قەھرىمانلارغا بولغان چەكسىز قايغۇلۇق ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

ئەتىگەندىلا، چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 62 نەپەر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى يېزىدىن يولغا چىقىپ، بىر مەيدان ئالاھىدە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش سەپىرىنى باشلىدى. «ساۋاقداشلار، بۈگۈن بىز خوتەن ناھىيەسىدىكى ۋېنيۇڭ يولىغا بېرىپ، چېن شياڭرۇڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى يوقلايمىز.» مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇرېھىم ئابدۇغېنى سەپەردە ساۋاقداشلارغا بۇ قەھرىمانلار يولى، ۋەتەننى سۆيۈش يولى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، خوتەن ناھىيەسى ۋېنيۇڭ يولىدىكى يول تاختىسى ئالدىدا، 62 نەپەر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ئۈچ رەت بولۇپ تىزىلىپ، قولىدا جۇخارگۈلى تۇتۇپ تۇرۇپ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئارقىدىن گۈل تەقدىم قىلدى. «مۇئەللىم بىزگە ئىلگىرى ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى، ئۇ قۇربان بولغاندا تېخى 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىكەن.» چاقا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى دىلنۇر ئوبۇلھەسەن مۇنداق دېدى: «مەن قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن».

شۇ كۈنى، لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازارلىق دوختۇرخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇمىجىت ئېزىز بىلەن دوختۇرخانىدىكى 12 پارتىيە ئەزاسى ۋېنيۇڭ يولىغا كېلىپ، يول بويىدىكى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى تەشۋىقات تاختىسى ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھۆرمەت ۋە تەسىرلىنىش چىقىپ تۇراتتى.

«ئىنقىلابىي قۇربانلار دۆلەتنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمىدى، ئۇلار ھەقىقىي قەھرىمانلار، بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز» دېدى ئابدۇمىجىت كۆزىگە ياش ئېلىپ.

خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ھەمدە ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى 260تىن ئارتۇق كىشى خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئالدىدىكى خېمېي مەيدانىدىن يولغا چىقىپ، ۋېنيۇڭ يولىغا پىيادە باردى. بارلىق خادىملار قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. جاراڭلىق، كۈچلۈك قەسەم ساداسى ۋېنيۇڭ مەيدانى ئاسمىنىدا ياڭرىدى.

«بۇ قېتىمقى پىيادە مېڭىپ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش پائالىيىتى بىر قېتىملىق چوڭقۇر روھىي تاۋلىنىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى دەرسى بولدى.» پارتىيە ئەزاسى چېن يۈەنخۇڭ مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۈلگە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.

2024- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى، خوتەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىدىكى، شەرقتە دوستلۇق يولىغا، غەربتە ئىتتىپاق يولىغا تۇتىشىدىغان، يېڭىدىن ياسالغان يولغا «ۋېنيۇڭ يولى» دەپ نام بېرىلدى. بۇ يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4.8 كىلومېتىر بولۇپ، كۆرسەتمە تاختىلىرىغا چېن خۇڭجۈن، چېن شياڭرۇڭ، شياۋ سىيۈەن، ۋاڭ جورەندىن ئىبارەت تۆت ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ۋە ئىش ئىزلىرى بېسىلغانىدى.

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ۋېنيۇڭ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بۈك- باراقسان ئۆسكەنىدى. ئاق، سېرىق رەڭلىك جۇخارگۈللىرى قەۋەتمۇقەۋەت قويۇلغان بولۇپ، يول ئۇلى كۆرۈنمەي قالغانىدى. بىر دەستە جۇخارگۈلىنىڭ ئالدىغا بىر قوليازما گېزىت قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا: «سۆيۈملۈك ئىنقىلابىي قۇربانلار، سىلەر ھەقىقىي قەھرىمانلار» دەپ يېزىلغانىدى. ئەڭ ئالدىدىكى كىچىك سېۋەت ئىچىدە بولسا، چېن شياڭرۇڭ ھايات ۋاقتىدا ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان جۈزە بار ئىدى.

«ۋېنيۇڭ يولى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يەر بەلگىسى، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ چېن شياڭرۇڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىدىغان جايىمىز.» خوتەن ناھىيەسى بەيخې بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات ھەيئىتى شى شياۋيۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 4- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنى سائەت 17 گىچە، 137 ئورگان، ئورۇن، مەكتەپ ھەم جەمئىيەت تەشكىلاتىدىكىلەر ۋېنيۇڭ يولىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر ياد ئېتىشى ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125