مەركەزنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 4- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، مەركەزنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر ئىشلىرى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تولۇق قېزىپ، ھەقىقىي ئېنىقلاپ، تىزىملىككە سېلىشتۇرۇپ ئۆچۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، تۈزەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەل جايىدا تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رايون ئىچىدىكى «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش- تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولى ۋە سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش»تىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەملىك سۇ ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھازىرقى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىپ، «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا بىرلەشتۈرۈپ سىستېمىلىق پىلانلاپ، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى زاپاس ساقلاپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. توختىماي ئىلگىرىلەش رىتىمى بىلەن چوڭ- چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نەق مەيداندا يار- يۆلەك بولۇپ يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كۆپ ئىشلىگىلى بولسا كۆپ ئىشلەپ، بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2025- يىللىق مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش ئىش مۇندەرىجىسى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش جەھەتتىكى ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «بىخەتەرلىك رېشاتكىسى»نى مۇستەھكەملەپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە ئاممىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاش، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت تۈگۈنىنى ئىگىلەپ، ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇن بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىش، ئىستاتىستىكىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، كاربون قويۇپ بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىي ئىستېمال، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئىستاتىستىكا بويىچە كۆزىتىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرىنى دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك، پۇختا ئىستاتىستىكا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.