شىن شىجيەن
كۆڭۈل يېقىن بولسا، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىمۇ يىراق ئەمەس. بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 4000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئاقچال كەنتىدە، 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى بەس- بەستە تيەنئەنمېن ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان دېكىراتسىيەلىك پەردە ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ۋەتىنىمىزنىڭ يۈرىكى» بىلەن يېقىن ئۇچرىشىشقا بولغان قەتئىيلىكى بىزگە شەخسلەرنىڭ دۆلەت يەر بەلگىسىگە بولغان ئىنتىلىشىنىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقان ئېتىقادنى تونۇتتى.
تيەنئەنمېن دۆلەتنىڭ سىمۋولى بولغان مەدەنىيەت بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخىي خاتىرىسى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىغا جايلاشقان ئاقچال كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تيەنئەنمېن راۋىقىغا بەلكىم ئۇلار قەدەم ئېلىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ئوبرازى بۇرۇنلا ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن. «تيەنئەنمېن»دە داكا قىلىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا «ئائىلە بىلەن دۆلەت بىر مەقسەتتە بولۇش»تىن ئىبارەت ئورتاق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشى. بۇ قىزغىنلىق، بۇ قەتئىيلىك شەخسنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇشۇ پەيتتە يۇغۇرۇپ، ئورتاق مەۋجۇتلۇققا ئايلاندۇردى.
بۇ قەتئىيلىك جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى. قەلبىدە ياد ئېتىپ كەلگەن «تيەنئەنمېن» ئالدىدا، كەنت ئاھالىلىرى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان مىننەتدارلىقىنى، ۋەتىنىمىزگە بولغان ئاددىي ئەمما كۈچلۈك قىزغىن مۇھەببىتىنى ئورتاق مەدەنىيەت بەلگىسىنى قەدىرلەشكە ئايلاندۇردى. «چاراس» قىلىپ سۈرەتكە تارتىلغان ئاۋازدا، ھاياجانغا تولغان شادلىق تەبەسسۇملىرىدا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە جانلىق ۋە كونكرېت ئەكس ئەتتى: ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش «تيەنئەنمېن»دە سۈرەتكە چۈشۈش ئارزۇسىدا ئىپادىلەندى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دۆلەتنىڭ شان- شەرىپىنى شەرەپ دەپ بىلىشتە ئىپادىلەندى؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دۆلەتنىڭ شان- شەرىپىنى شەرەپ دەپ بىلىشتە ئىپادىلەندى؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش «جۇڭگو قىزىلى»غا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈشتە ئىپادىلەندى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بۇ ئالاھىدە پەيتتە تەنتەنىلىك ھالدا پارتىيە ئەزالىق ئىزنىكىنى تاقاشتا ئىپادىلەندى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئىپتىخارلانغان ھالدا بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى ھەمبەھرىلەشتە ئىپادىلەندى.
بۇ قەتئىيلىك جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش. «تيەنئەنمېن» ئالدىدا داكا قىلىش پائالىيىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى سىچۇەندىن كەلگەن 2000- يىللاردا تۇغۇلغان قىزچاق خۇ چۇنفاڭ بولۇپ، ئۇ قۇربان تاغىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقىدەك قەتئىيلىكىدىن تەسىرلەنگەچكە، قەلبىدە «شىنجاڭغا كېلىش» ئارزۇسى بىخلانغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان تەشۋىقات كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇ چۇنفاڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرى بىلەن «ۋەتەننىڭ يۈرىكى» ئارىسىدا قەلبداشلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى.
بۇ قەتئىيلىك جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ ياڭراق ساداسى. شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، ئېتىقاد توغرىسىدىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر تىيانشاننى قاپلىغان: چۆچەكتىكى سالىقجان ئىمىن 2009- يىلىدىن بۇيان، ھەر كۈنى ئۆز ھويلىسىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىشنى ئۈزۈپ قويمىدى، بۇ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببەتتىكى قەتئىيلىك؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆسمۈرلەر ساياھەتچىلەرنىڭ سىلەر قايسى مىللەت دېگەن سوئالىغا مەردانىلىك بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ جاۋاب بەردى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىشتىكى قەتئىيلىك؛ قۇربان نىياز ئائىلىسىدىكى بارلىق يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، دۆلەت ئورتاق تى- يېزىقى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇپ، جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسى ئاچتى، بۇ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى قەتئىيلىك؛ ئابدۇجاپپار مېڭدى ياردەم بېرىلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىنى رەت قىلغاندا، ئىپتىخارلىق بىلەن پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتتى، بۇ، پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇشتىكى قەتئىيلىك؛ ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتمەكتە، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكتىكى قەتئىيلىك...
تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە كۆرگىلى بولىدىغان بۇ ئىللىق مەنزىرىلەر شەخس بىلەن دۆلەتنىڭ ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل بايانىنى شەكىللەندۈردى. بۇلار، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جانلىق ئىزاھاتى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى چىن قەلبىدىن قوغدىغانلىق. مۇشۇنداق دۆلەت ئېتىقادى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.