شاڭخەيلىك 70 نەچچە ياشلىق بوۋاي مەخسۇس خوتەنگە كېلىپ قۇملۇققا كۆچەت تىكتى
22:11:21 2025-04-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

قولىغا ئوتىغۇچ ئېلىپ، ئۇزۇن كەتكەن سۆكسۆك ئورمان بەلبېغىنى بويلاپ، يېڭىدىن بىخ سۈرگەن توشقانزەدىكىنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش؛ گۈرجەك بىلەن قۇمساڭ تۇپراقنى كولاپ، سۆكسۆك كۆچەتلىرىنى قۇمغا كۆچۈرۈش... 77 ياشلىق جاڭ لېلىڭ بىر ئىشلىگىنىچە چۈشكىچە ئىشلەپ، ئەتىياز پەسلىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېشىللىق بېغىشلىدى.

77 ياشلىق شاڭخەيلىك جاڭ لېلىڭ قانداق قىلىپ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىغا كېلىپ قالدى؟

جاڭ لېلىڭنىڭ ئۆيى شاڭخەيدىكى شۈجياخۇيدا بولۇپ، 2023- يىلىدىن ئىلگىرى، ئۇ بەخىرامان پېنسىيە تۇرمۇشى كەچۈرەتتى، ئىشى بولمىسا باغچىلارنى ئايلىناتتى، ھەركۈنى بەش كىلومېتىر ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى، يىراق شىنجاڭدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن پەقەتلا ئۇچرىشىپ باقمىغانىدى.

تاكى بىر كۈنگە كەلگەندە، جاڭ لېلىڭ تاسادىپىي «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىدا بىر <يېشىل دېڭىز> بار بولۇپ، ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى سېرىق قۇمنىڭ رەڭگىنى سۇسلاشتۇردى» دېگەن بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدى، بۇنىڭدا ھەربىي سەپتىن قايتقان لى خەي ئىسىملىك بىر پېشقەدەم ئەسكەرنىڭ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، خوتەن ناھىيەسىدىكى قۇملۇقتا سۆكسۆك ئۆستۈرۈپ، توشقانزەدىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى بايان قىلىنغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، 40 مىڭ مو يەردىكى سۆكسۆك ئورمىنى بۈك ـ باراقسانلىشىپ، قۇملۇق گىرۋىكىدە كەڭ كەتكەن يېشىللىقنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

«لى خەينىڭ ھېكايىسى ماڭا ناھايىتى زور تەسىر قىلدى، مەنمۇ ياش ۋاقتىمدا ئەسكەر بولغان، جاپالىق مۇھىتتا جان تىكىپ ئېلىشىش روھىغا ئىنتايىن قايىل بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن مەندە قۇملۇققا كېلىپ كۆچەت تىكىش ئويى پەيدا بولدى، ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە كۈچۈم ئارقىلىق، قۇملۇققا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلغۇچىلارنى قوللاشنى ئويلىدىم» دېدى جاڭ لېلىڭ.

كۆڭلىدە تۇغۇلغان بۇ ئوي ئىزچىل ئۇنىڭ كاللىسىدىن كەتمىدى. ئادەتتىكى تۇرمۇشىدىمۇ خۇشاللىق قالمىغاندەك ھېس قىلدى، قۇملۇققا بېرىپ كۆچەت تىكىش باشتىن- ئاخىر جاڭ لېلىڭنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالدى، ئۇ شىنجاڭ سەپىرىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

2024- يىلى 9- ئايدا، جاڭ لېلىڭ خوتەن ناھىيەسىنىڭ توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىغا بېرىشنى قارار قىلدى. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ قارارىدىن ھەيران قالدى، 70 نەچچە ياشلىق بوۋاي ئۆزى يالغۇز نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا قاراپ ئاتلانسا، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇ ۋاقىتتا، جاڭ لېلىڭنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ئادىتى ئەسقاتتى. «مەن ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىم ئارقىلىق سالامەتلىكىمدە مەسىلە يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدىم.» جاڭ لېلىڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭ چىڭ تۇرۇشۇم بىلەن، ئائىلەمدىكىلەر شىنجاڭغا بېرىشىمغا ئاخىر قوشۇلدى.

9- ئاينىڭ 11- كۈنى، جاڭ لېلىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ خوتەنگە يېتىپ بېرىپ، توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىغا كەلدى. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ۋاقىتتا توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىدا كۆچەت تىكىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولۇپ، مەسئۇل كىشى لى خەيمۇ سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنىدى. خىزمەتچى خادىملار جاڭ لېلىڭنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ تېرىقچىلىق بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. ئىككى كۈندىن كېيىن، جاڭ لېلىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە قايتتى.

«بوۋاينىڭ ئارزۇسىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز ئۆزئارا ۋىيشىننى قوشۇشتۇق، پۇرسەت بولسا بوۋاينىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدۇق.» لى خەي مۇنداق دېدى: 2025- يىلى باھار بايرىمىدىن كېيىن، بوۋاي ۋىيشىن ئارقىلىق بازا خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى توختىماي سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى، ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بوۋاي يەنە شىنجاڭغا بېرىشنى قارار قىلدى، بازىمۇ ئالدىن تەييارلىق قىلىپ قويدى.

3- ئاينىڭ 31- كۈنى، جاڭ لېلىڭ 2- قېتىم توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىغا كەلدى، بۇ چاغ دەل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش ئالتۇن مەزگىلى بولۇپ، بازىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ۋە پەرۋىش قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغانىدى، جاڭ لېلىڭ ناھايىتى تېزلا بۇ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى، ئۇ خىزمەتچىلەر بىلەن بازىدىكى رەڭلىك پولات تاختا ئۆيدە يېتىپ ـ قوپۇپ، كۆچەت تىكتى، سۇغاردى، توشقانزەدىكى ئۇچىنى ئۈزدى، ھەربىر خىزمەتتە قىلچە بىخەستەلىك قىلمىدى.

«دەسلەپتە مەن بوۋاينىڭ سالامەتلىكىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدىم، ئۇنىڭ سىناپ بېقىشىنىلا ئۈمىد قىلغانىدىم. لېكىن، بوۋاي ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردىكى بوۋايلارغا ئازراقمۇ ئوخشىمايتتى، ئەكسىچە سېپى ئۆزىدىن دېھقانغا ئوخشايتتى» دېدى لى خەي كۈلۈپ تۇرۇپ.

«كېلىشتىن ئىلگىرى، مەن قۇملۇق مۇھىتىغا نىسبەتەن پىسخىكا جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويغانىدىم، لېكىن ھەقىقىي ئۇچراشقاندىن كېيىن، يەنىلا ھەيران قالدىم.» جاڭ لېلىڭ مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى ئامما قۇملۇقتا تېرىقچىلىق قىلىپ، بوستانلىق بەرپا قىلغانىدى، شارائىت ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن جاپا ئىچىدە خۇشاللىق بار بولۇپ، ئۈمىدكە تولغان، غەيرىتى تولۇپ تاشقانىدى. بۇ خىل ھېسسىياتنى بىر قېتىم باشتىن كەچۈرسىلا، مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ.

«شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ يول بويى يول ياقىسىغا ياتقۇزۇلغان تۇتاش كەتكەن ئوت- چۆپ كاتەكچىلىرىنى، قۇملۇقتا ئۆسكەن سۆكسۆك ئورمىنىنى، كۆز يەتكۈسىز يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرىنى كۆردۈم. تەكلىماكان قۇملۇقى گەرچە قاقاس بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقىدا يېشىللىق ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان بولۇپ تۇراتتى.» جاڭ لېلىڭ مۇنداق دېدى: قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ كەچۈرمىشلىرىمنى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمگە سۆزلەپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى كۆكەرتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125