شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى نىزامى
22:36:34 2025-04-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 (2024- يىل 3- ئاينىڭ 31- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(22- نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- يىغىنىدا 2024- يىل 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2024- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2024- يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنى

مۇندەرىجە

1- باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

2- باب  جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى

3 - باب  جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى قوغداش ۋە كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش

4- باب  جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش

5- باب  جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش

6- باب  جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش

7- باب  كاپالەت تەدبىرى

8- باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

9- باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1- ماددا  بۇ نىزام جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە تېبابەت- دورىگەرلىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2- ماددا  بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ۋە مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3- ماددا  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى − دۆلىتىمىزدىكى خەنزۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تېبابەت ـ دورىگەرلىكىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى- دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى- دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى- دورىگەرلىكى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تېبابىتى- دورىگەرلىكى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

4- ماددا  ئاپتونوم رايون جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى نەزەرىيە تەتقىقاتىغا ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى ساقلاش ۋە جارى قىلدۇرۇش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

5- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، كەسىپ ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

6- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، يېزا ئىگىلىكى- يېزا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، داۋالىنىش كاپالىتى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق، دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، قوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

2- باب جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى

7- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆلىمى مۇۋاپىق بولغان جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئومۇمەن 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە يېتىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئومۇمەن 3- دەرىجىلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت قۇرغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى، يۇقۇملۇق كېسەل دوختۇرخانىسى ۋە شارائىتى بار باشقا مەخسۇس دوختۇرخانىلاردا جۇڭيى تېبابىتى كىلىنىكا بۆلۈمى، جۇڭيى تېبابىتى دورىخانىسى بولۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا- بازار دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭيى تېبابەتخانىسى ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى، كەنت شىپاخانىسىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بۆلمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى كېرەك.

8- ماددا  جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇشتا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش، داۋالاش ئاپپاراتىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

ھۆكۈمەت قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتىنى قوشۇۋېتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ياكى ئۇنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشتە، بىر دەرىجە يۇقىرى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

9- ماددا  جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغان دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە كېسەل تۈرلىرىنى تاللاپ، جۇڭيى تېبابىتىدە ئەۋزەللىككە ئىگە مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە باب كېلىدىغان تېخنىكىنى كېڭەيتىشى ۋە قوللىنىشى كېرەك. شارائىتى بار دوختۇرخانىلارنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشىغا، جۇڭيى تېبابىتى داڭلىق كېسەلخانىسى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

10- ماددا  جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ياكى داۋالاش ئاپپاراتىدا جۇڭيى تېبابىتى كىلىنىكا بۆلۈمى، جۇڭيى تېبابىتى دورىخانىسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى كۈچلەر قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى شىپاخانىسى ۋە ئەنئەنىۋى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمىتىلا قىلىدىغان جۇڭيى تېبابىتى ئامبۇلاتورىيەسى داۋالاش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش، پىلانلاش، جايلاشتۇرۇش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

جەمئىيەتتىكى كۈچلەر قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى ئىجازەت بېرىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، دەرىجە باھالاش، ئاممىۋى سەھىيە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، پەن تەتقىقات- ئوقۇتۇش، تېببىي خادىملارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ۋە داۋاملىق تەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەت قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

11- ماددا  جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ رايون جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش مەركىزى، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىشى ياكى قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش جەريانىدا، جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، قوشۇۋېتىشكە ياكى ئۇنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

12- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش، ياشانغانلار ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئۆزگىچە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە كۈتۈنۈش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى دۆلەتنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ھالدا قانات يايدۇرۇش كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كۈتۈنۈش ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەر جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ئاپپاراتنى قۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ.

13- ماددا  شارائىتى بار داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالاھىدە ئېغىر، داۋالاش تەس كېسەللەر، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەردە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، ئىلمىي تەتقىق قىلىش بويىچە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى ھەمكارلىشىپ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى مۇلازىمىتىنىڭ ئەۋزەللىكتە بىر- بىرىنى تولۇقلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

14- ماددا  ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى بويىچە، ياشانغانلار، بالىلار، ئاياللار، سوزۇلما كېسىلى بارلارغا جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خادىملىرىنىڭ ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىگە پائال قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

15- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتىنى تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى جىددىي باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئاپپاراتى بىلەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە جىددىيەت ماددىي ئەشياسى، ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى، تېخنىكىسى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقى زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇش- داۋالاشنى يولغا قويۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پۈتۈن جەريانلىق قاتنىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت قۇرغان 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىلىرى ئۆلچەم بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمى قۇرۇشى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەسىس قىلىشى كېرەك.

16- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشى، جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقە تورى قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە يىراقتىن داۋالاش، كۆچمە داۋالاش، ئەقلىي داۋالاش قاتارلىق يېڭىچە داۋالاش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

3- باب جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى قوغداش ۋە كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش

17- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى قوغداش ۋە كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى كېرەك.

18- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى ياۋا دورىلىرى بايلىقىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دەرىجە بويىچە قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى ياۋا دورىلىرى بايلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشكە تەشكىللەپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بايلىقىنى ئۇدۇللۇق كۆزىتىش ۋە بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، رەتلەش، قېزىشقا تەشكىللەپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بايلىقىنى ئۆز جايىدا ۋە كۆچۈرۈلگەن جايىدا قوغداشنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بايلىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

19- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە قېلىپلاشقان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئىمپورت قىلىنغان دورا ماتېرىياللىرىنى كۆندۈرۈپ ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىپ، دېھقانچىلىق دورىسى، ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق باشقۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش جەريانىدا ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلەشتۈرۈپ، ئورگانىكلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش، بېقىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى يېتىشتۈرۈش، كۆندۈرۈشتە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك، دۆلەت ئۆلچىمى يوق بولسا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ يېڭى سورتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تىزىملاش كېرەك.

20- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىن چىقىدىغان جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشى ھەمدە ئۆلچەملىك سۈپەت باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى، تېرىش رايونىنى بېكىتىشى، ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى چىقىدىغان جاينى قوغداپ، كەسىپتە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىغا يار- يۆلەك بولۇپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشى كېرەك.

شىنجاڭدىن چىقىدىغان جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بار مەھسۇلاتلار قاتارىغا ۋە دۆلەتنىڭ يېمەكلىك ـ دورا ماددىلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

21- ماددا  كەنت داۋالاش ئاپپاراتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭيى تېبابىتى ۋىراچى، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى بىلىمىنى ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان يېزا- كەنت دوختۇرلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، يەرلىك جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆزى تېرىسا، ئۆزى يىغسا ھەمدە ئۇنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىدە ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇلغانغان دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

22- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بارلىق سورت، پۈتۈن جەرياننى قاپلىغان، سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىشى كېرەك. سودا، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق، يېزا ئىگىلىكى- يېزا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش، بېقىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھالقىلاردا جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى دورا كارخانىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى ۋە بېرىشى كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كارخانىلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تەييارلاشتا، جۇڭيى تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى تەييارلاش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

23- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىغا دائىر ئامباردا ساقلاش- ئەشيا ئوبوروتى، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، زاكاز مال سودىسى قاتارلىق يانداش مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

24- ماددا  داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىق نومۇرى ئالغان ۋە ئەنگە ئالدۇرغان جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى ئورتاق گەۋدىسى ۋە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا تەڭشەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تەييارلىشى، ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرى جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنىڭ ناچار تەسىرىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلىشى كېرەك.

25- ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرى قاتارىدا باشقۇرۇلمايدۇ:

(1) جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى تالقان قىلىپ پىششىقلاش، ئىشلىتىدىغان چاغدا سۇ، ھاراق، ئاچچىقسۇ، ھەسەل، كۈنجۈت مېيى قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئاساسىي ماددىلىرىنى قوشۇپ تەڭشەش، سىرتتىن ئىشلىتىش، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تېببىي خادىملار تەڭشەپ ئىشلىتىش؛

(2) ھۆل دورا ماتېرىيالىدىن چىقىرىلغان سۇيۇقلۇق؛

(3) بىمارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ۋىراچنىڭ رېتسېپى (بىر ئادەمگە بىر رېتسېپ) بويىچە جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياسالمىلار؛

(4) تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلغان تەۋسىيەلىك رېتسېپقا ئاساسەن، ئالدىن تەييارلىغان ياكى بىرتۇتاش ۋاكالىتەن قاينىتىپ تەييارلىغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ياكى داۋالاش خاراكتېرلىك جۇڭيى تېبابىتى دورا سۇيۇقلۇقى؛

(5) دۆلەت بەلگىلىگەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار.

4- باب جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش

26- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كۆلىمى مۇۋاپىق، كەسىپ قاتلىمى قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىدىكى نۇقتىلىق پەن ۋە كەسىپ قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، كىلىنىكىلىق ئوقۇتۇش بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە داۋاملىق تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

27- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مائارىپىنى مەخسۇس يولغا قويىدىغان ئالىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان ئالىي مەكتەپلەر جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى كەسپىي دەرسلىرىنىڭ سىستېما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى كەسپىدىكى كىلاسسىك دەرسلەرنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كىلاسسىكلىرىنى جۇڭيى تېبابىتى ئاساسىي دەرسلىرى ۋە كىلىنىكا دەرسلىرىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بالدۇر ئۇستاز تۇتۇش، بالدۇر كىلىنىكىلىق ئۆگىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوندا كىلىنىكىلىق تېبابەت تۈرىدىكى كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان ئالىي مەكتەپلەر جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئاساسىي نەزەرىيەسى ۋە ئاساسىي ماھارەت دەرسىنى كىلىنىكىلىق تېبابەت تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ زۆرۈر دەرسلىكىگە ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈش پىراكتىكا مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە)لەرگە يۈزلەنگەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق ھەقسىز يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

28- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كەسپىي مائارىپى ۋە ماھارەت تەربىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى تەييارلاش، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش، بېقىش، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياشانغانلارنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىدىغان تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

29- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى داۋاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىكى تېببىي خادىملارنى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بىلىمى ۋە ماھارىتى جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىدىكى باب كېلىدىغان تېخنىكىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشى كېرەك. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار، يېزا- كەنت دوختۇرلىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيەسىدە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنى بولۇشى كېرەك.

30- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە ئۇستاز- شاگىرت تەربىيەسىگە مەدەت بېرىشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ساھەسىدىكى داڭلىق، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، مول كىلىنىكىلىق تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا ئارتۇقچىلىقى بار جۇڭيى تېبابىتى ۋىراچلىرى ۋە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ شاگىرت تۇتۇپ كەسىپ ئۆگىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكا- ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى ئېتىراپ قىلغان ئۇستاز- شاگىرت تەربىيەسىنىڭ ۋارىسى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، جۇڭيى تېبابىتى كەسپىي ئۇنۋانى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنۋان باھالاش- تەكلىپ قىلىش، مۇنەۋۋەرلەرنى، ئىلغارلارنى باھالاشتا، ئوخشاش شەرت ئاستىدا، مۇنەۋۋەر ئۇستاز ـ شاگىرت تەربىيەسى ۋارىسلىرىنى باھالاشنى ئالدىن ئويلاشسا بولىدۇ.

31- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىر- بىرىدىن ئۆگىنىدىغان تەربىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرگەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ۋە جۇڭيى تېبابىتى- غەرب تېبابىتى بىرلەشمە مۇلازىمىتى قىلالايدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خادىملىرى بىلەن غەرب تېبابىتى- دورىگەرلىكى خادىملىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

32- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئىشلىتىش، تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە ئۇنۋان باھالاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پەن تەتقىقات باشلامچىلىرى ۋە ئوتتۇرا ياش- ياش تېخنىكا تايانچلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈشى، كىرگۈزۈشى ۋە يېتىشتۈرۈشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى ساپاسىغا ئىگە كەسپىي ۋىراچ ۋە دورىگەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خىزمىتى قىلىشىغا مەدەت بېرىشى ھەمدە ئىش ھەققى- قوشۇمچە پۇل، ئۇنۋان باھالاش، كەسىپ تەرەققىياتى، تەلىم- تەربىيە ۋە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

5- باب جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش

33- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر قەدىمىي كىتاب- ئەسەرلەرنى توپلاش، رەتلەش، قوغداشقا تەشكىللىشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر قەدىمىي ئەسەرلەرنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى، قەدىمىي كىتاب- ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى، تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارئەتىقىلەر ۋە داڭلىق دوختۇرلارنىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسىنى قوغدىشى كېرەك.

34- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىلمىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈرى ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنى تاللاپ، ئۇيغۇر تېبابىتى- دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى- دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى- دورىگەرلىكى قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلىم ئىدىيەسى، دىياگنوز قويۇش- داۋالاش تەجرىبىسى، پېشقەدەم دورىگەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ماھارىتى شۇنىڭدەك خەلق ئىچى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى تېخنىكا ئۇسۇلىنى قوغدىشى، رەتلىشى، قېزىشى، تەتقىق قىلىشى كېرەك.

35- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پاتېنتى، تاۋار ماركىسى، جۇغراپىيەلىك بەلگىسى، دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يېڭى سورتى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە تېخنىكىسى، ئۇسۇلى، مەھسۇلاتى قاتارلىقلارنى قوغدىشى كېرەك.

36- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش رىغبەت تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ياكى يېڭىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكا ۋە ئەنئەنىۋى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پەن- تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

37- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كارخانىلارنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ئائىت قەدىمىي ئەنئەنىۋى داڭلىق رېتسېپ، داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرى ئاساسىدا ياسىلىدىغان جۇڭيى تېبابىتى ئىجادىي دورىلىرىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ يارىتىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. بازارغا سېلىنغان جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى قايتا باھالاش ۋە ياخشىلاشقا ئىلھام بېرىپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئەۋزەل تۈرى ۋە ئۆزگىچە ماركىسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

38- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ جابدۇق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكا توپلاشتۇرۇپ ۋە ھۈنەر- سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر ـ سەنئىتى، تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى كارخانىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سۈپىتىنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

39- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پەن- تېخنىكا تەتقىقاتىنى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكا- ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئالاھىدە ئېغىر، داۋالاش تەس كېسەللەر، يەرلىك كېسەللەر، ئالاھىدە ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش بويىچە بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەر، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەر، سوزۇلما كېسەللەرگە ئائىت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ئىجادىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاشتىكى ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى ۋە تېخنىكا نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

6- باب جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش

40- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى مەدەنىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە مەدەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىدۇ.

جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خاس مۇزېيى، كۆرگەزمىخانىسى، خاتىرە سارىيى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، دورىلىق ھايۋانات- ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قاتارلىق كۆرگەزمە سورۇنى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتى تەشۋىق ـ تەربىيە بازىسى بەرپا قىلىنىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، مەھەللە، يېزا- كەنت ۋە ئائىلىلەرگە يۈزلەندۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى- دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى-دورىگەرلىكى قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشىغا، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بىلىملىرىنى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

41- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقى جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورا ئېلانىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت- ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلار جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشتا، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىشى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، داۋالاش شۇنىڭدەك جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە كۈتۈنۈش، ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىشى كېرەك، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئېلانى، جۇڭيى تېبابىتى دورا ئېلانىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېلان قىلسا بولمايدۇ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ساختا، كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلسا بولمايدۇ.

42- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى- دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى- دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى- دورىگەرلىكى قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى كۆرسىتىش، ئىلتىماس قىلىش، باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

43- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بىلەن ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى- دورىگەرلىكى قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، لىنىيەسى، بازىسىنى شۇنىڭدەك ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەت تۈرىنى يارىتىشى كېرەك.

44- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تېبابىتى- دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى- دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى- دورىگەرلىكى قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى، تېخنىكا ھەمكارلىقى، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت تەشۋىقاتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

45- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى تەرەققىياتىنىڭ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر ئىلىم تەتقىقاتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاشقى سودا، ساغلاملىق مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت تارقىتىش قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى چەت ئەل مەركىزىنى قۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى خەلقئارادا تارقىتىش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

7- باب كاپالەت تەدبىرلىرى

46- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىم سەپلىشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خىزمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمنى سىناش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.

47- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرى خىراجەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرى تەرەققىيات خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ئائىت مۇلازىمەت ئىقتىدارى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن- تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشقا بولغان قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت كەسىپ فوندىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى كەسىپ سېلىنمىسى فوندى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

48- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقى جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بېكىتىشى ھەمدە ئۇدۇللۇق تەڭشىشى كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، دەلىللەشكە تەشكىللەپ، جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ تەننەرخى ۋە كەسىپ تېخنىكا قىممىتىنى نامايان قىلىش كېرەك.

49- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش تۈرى، جۇڭيى تېبابىتى دورا توغرالمىلىرى، جۇڭيى تېبابىتى دورىسى رېتسېپلىق دانچىسى، جۇڭيى تېبابىتى تەييار دورىسى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش تۈرى مۇندەرىجىسى، دورا مۇندەرىجىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ۋە ئۆزگىچىلىكى، ئەۋزەللىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئاتچوت تۆۋەن چېكىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بىمارلار بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا ياتاقتا ياتسا، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش خىراجىتىنىڭ ياتاقتا يېتىش ئومۇمىي خىراجىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىگە چەك قويۇلمايدۇ.

ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)نىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ۋاقتىدا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى قاتارىغا كىرگۈزۈشى كېرەك، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا بەلگىلەنگەن نۇقتا قىلىپ باھالاش خىزمىتىنى بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

50- ماددا  تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشتا، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش، باھالاش، باھالاپ بېكىتىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇش ياكى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك:

(1) ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى، دىياگنوز قويۇش- داۋالاش تۈرلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا ياسالمىلىرى، جۇڭيى تېبابىتى دىياگنوز قويۇش- داۋالاش تېخنىكىسىنى باھالاش؛

(2) جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پەن تەتقىقات تېمىسىنى تۈر تۇرغۇزۇش بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش، نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش ۋە مۇكاپات باھالاش؛

(3) جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كەسپىي ئۇنۋانىنى تەكشۈرۈپ باھالاش؛

(4) جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ھادىسىسى ۋە داۋالاش زىيىنىنى باھالاپ بېكىتىش؛

(5) جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، باھالاش؛

(6) جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇنىنى باھالاش؛

(7) يەرلىكتە ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئۇنى تەييارلاش قائىدىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش؛

(8) داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تىزىمغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ باھالاش؛

(9) جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر باشقا تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش، باھالاش، باھالاپ بېكىتىش.

51- ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق تارماقلار جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى ۋە كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش- داۋالاش كۆرسەتمىسى، تېخنىكىلىق مەشغۇلات قائىدىسى، داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاش، دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىق تېخنىكا ئۆلچەملىرىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

52- ماددا  جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ساھە تەشكىلاتلىرى ساھە قائىدىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلىپ، ساھەنىڭ ئىناۋىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، ساھەنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

53- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ئائىت قانۇن- نىزاملارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قەرەللىك ئاڭلاپ ئۆتۈشى ۋە قاراپ چىقىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

8- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

54- ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1) ھۆكۈمەت قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوشۇۋەتكەن، ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى ئۇنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسا؛

(2) جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغان بولسا؛

(3) كەسىپ ئىجازەتنامىسى ياكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەرگەن بولسا؛

(4) جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورا ئېلانىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا؛

(5) بايقىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان بولسا؛

(6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار بولسا.

55- ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

9- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

56- ماددا  بۇ نىزام 2024- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125