ئۈرۈمچى بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرىدىكى «گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى مەنزىرىسى» ساياھەتچىلەرنى داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى
18:29:19 2025-04-07 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

4- ئاينىڭ 4- كۈنى، بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى بېيىتتى. سۈرەتتە: بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. (مۇخبىر شى چۈەنجى خەۋىرى، فوتوسى)

 «شەھەر دەرۋازىسى ئېچىلسۇن!...» 4- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 12:00دە، دۇمباق ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچىسىغا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ساۋۇتنى كىيىۋالغان نەچچە ئون «شەھەرنى قوغدىغۇچى سەركەردە- لەشكەر» قاتار تىزىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، ئۇچىسىغا رەڭدار كىيىم كىيگەن ئۇسسۇلچىلار دۇمباق رىتىمىغا كەلتۈرۈپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، «يىپەك يولىدىكى رەڭلىك تون» ناملىق ناخشا گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلدى.

 بۇ يەر بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى. 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، بىر مەيدان «باھاردا بارلىق شەيئىلەر جانلىنىدۇ، قەدىمىي بازار سىزنى كۆكلەم سەيلىسى قىلىشقا چاقىرىدۇ» باش تېما قىلىنغان شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى مەنزىرە رايونى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

 ئۈرۈمچى داۋانچىڭ قەدىمدە بەيشۈيجېن دەپ ئاتالغان، بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى قورغانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، يەر شەكلى ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى، شەھەر دەرۋازىسى ئۈستىگە بەيشۈيجېن دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

 بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى تاڭ سۇلالىسىدىكىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسىدىكى چېگرا ئۆتكىلى ھەربىي ئورنىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى قايتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

 بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تارىخىي مەدەنىيەتنى قېزىپلا قالماي، شۇ جاينىڭ تارىخ، ئادىمىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، يەنە «مەدەنىيەت» بىلەن «سودا»، «قەدىمكى» بىلەن «يېڭى»، مەنزىرە ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەرنىڭ چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىشقا، خاسلىشىش دەرىجىسىگە بولغان ئېھتىياجى، پەرقلىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش پەيتىدە، بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى «ناخشا- ئۇسسۇل+ مەززىلىك تائاملار+ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى+ لەگلەك» قاتارلىق ئامىللارنى چۆرىدەپ رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى بېيىتتى.

 سېپىل خەندىكى ئەتراپىدا لەگلەكلەر لەپىلدەپ ئۇچۇۋاتاتتى، تۆگە كارۋىنىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن لەگلەك بىلەن بوغدا چوققىسىدىكى ئاپئاق قارلىق چوققا بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى قەدىمكى بىلەن ھازىرقى يۇغۇرۇلغان بۇ دەقىقىلەرنى بەس- بەستە سۈرەتكە تارتىپ خاتىرىلەشكە جەلپ قىلدى.

 جۇڭشىن رۈيجىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت گۇرۇھىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، داۋانچىڭ قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى لۇ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىرلار ئارقىلىق كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىدا زامان- ماكاندىن ھالقىغان، قەدىمكى بىلەن ھازىرقى گىرەلىشىپ كەتكەن چېگرا ئۆتكىلى مەنزىرىسىنى ھېس قىلدى».

 لۇ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: «2024- يىلى قەدىمىي بازار دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى، بۇ يىل بىز ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت زالى، ئاقىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، يەنە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە تۈرلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، قەھۋەخانا، مەيخانا، دالىدا قونۇش، قونۇش كەسىپ ھالىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەدەنىيەت- ساياھەت مەخسۇس تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قەدىمىي بازار مەنزىرە رايونىنى ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپىنى ساياھەت قىلىشتىكى داكا قىلىش نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125