پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك
20:41:02 2025-04-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي ئارال شەھىرى ۋە ماناس ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

 پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

4- ئاينىڭ 5- ۋە 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىڭتۇەن ئارال شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 4- ئاينىڭ 6- كۈنى، ما شىڭرۇي ماناس ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ شىنليەنشىن ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە تۈر پىلانلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 4- ئاينىڭ 5- ۋە 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي ئايرىم- ئايرىم ھالدا بىڭتۇەن ئارال شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تېخىمۇ زور سالماق بىلەن شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپلەردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆمۈر قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشكە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 ئارال شەھىرىدە، ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، تالا ئىشلەپچىقىرىش، يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، بوياش، توقۇلما بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى كارخانىلارغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئارال شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە كارخانا خادىملىرى بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ پاختا بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپكە دائىر پايدىلىق سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇھىم بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چۆرىدەپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كەسىپ زەنجىرى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپ توپىنى تېز بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتى، بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆزلەپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ پاختىسىنىڭ خام ماتېرىيالدىن تېخنىكا تەركىبى ۋە قوشۇلما قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغداپ، كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات ئۈنۈمى ۋە بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىلتىماس- تەلەپلىرىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتتىكى قوللاش، يار- يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق يۈكسىلىپ، تۈۋرۈك كەسىپلەر، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

 ماناس ناھىيەسىدە، ما شىڭرۇي شىنجاڭ جيارۈن بايلىق پاي كونترول چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ شىنجاڭ شىنليەنشىن ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ جۇڭنېڭ ۋەنيۈەن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكى يوشۇرۇن كۈچىگە قويۇپ، بايلىقلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تىرەك بولۇش كېرەك. ما شىڭرۇي ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىدى، كارخانىلارنىڭ مۇھىت قوغداش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە ھۈنەر- سەنئەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە رايونى نۇقتىلىق كەسىپلىرىنىڭ كۆلىمى، ئەمەلىي كۈچى، توپلىنىش سەۋىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئېشىش ۋەزىيىتى يارىتىش ۋە ئۇنىڭغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، مۇھىم ساھەلەردە يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى كۈچەپ چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىنى دائىملىق ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 قادېن كەبىن ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125