ئەركىن تۇنىياز خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 4- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسىگە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، خاس كەسىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
قاراقاش ناھىيەسى يۈبېي تەرەققىيات رايونى سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز قۇم تىندۇرۇش- تەڭشەش كۆلچىكىنىڭ سۇ ساقلاش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر نەپكە ئېرىشىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. قاراقاش ياۋبەي سېمونت چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن يېشىل زاۋۇت قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئەركىن تۇنىياز قاراقاش ناھىيەسىدىكى خۇڭيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بىباڭ قويچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، پارنىك ۋە قوي قوتانلىرىغا كىرىپ، تېخنىكىلىق باشقۇرۇش، سېتىش يوللىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىھەلىك كۆكتات نىسبىتىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، خوتەن قويى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك نەسىلنى ياخشى قوغداپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ مېيشۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ پاختا بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پاختىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. پائال تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت قاتارلىق ئەتراپتىكى بازارلارغا يۈزلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
قاراقاش ناھىيەسى چىنىباغ ساقچىخانىسىدا، ئەركىن تۇنىياز ساقچى كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك تۈگىتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يەنە خوتەن ناھىيەسىدىكى ئەييىتې يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ئارال- خوتەن تاشيولىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئامما قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسىغا بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىلەن ئاممىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشنى زىچ باغلاپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە دائىر تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز قاراقاش كونا شەھىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ساياھەتنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ شىنجاڭ خوتەن خاس جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى تەتقىقات نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: توشقانزەدىكى قاتارلىق داڭلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ خاس دورىلارنى ئېچىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: خوتەن ۋىلايىتى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىشى كېرەك. سېلىنما كۆلىمى زور، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون بەرگەن كان تۈرىنى ھەقلىق بېرىشنى تىزىملاش ھوقۇقى قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش كەسىپ توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، سۇغىرىش ئىشلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ساپا ۋە يۇقىرى ماھارەت ئارقىلىق ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك.