چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ 2 مىليون 425 مىڭ 400 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى
10:41:56 2025-04-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 425 مىڭ 400 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.74 ئاشقان؛ ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال خىراجىتى 2 مىليارد 450 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.46 ئاشقان. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى تۈرلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىستىراھەت سەيلە- ساياھىتى، مەدەنىيەت تەسىراتى، قىزىل ساياھەتنى يادرو قىلغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىجىل جانلاندى، مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىدا «كۆپ نۇقتىدا گۈل ئېچىلىش، پۈتۈن رايون ھەمتۈرتكە بولۇش»تەك گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

4- ئاينىڭ 4- كۈنى، غۇلجا شەھىرى خەيتاڭ يولى ۋە ئالما باغچىسىنىڭ ھەممە يېرى كۈلكە- چاقچاقلارغا تولغان بولۇپ، كىشىلەر كۆكلەم سەيلىسى، چېچەك سەيلىسى قىلىپ، باھاردىكى تەبىئەت بېغىشلىغان گۈزەللىكتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. غۇلجا شەھىرى خەيتاڭ يولى بۇ شەھەردىكى ئەتىيازلىق ئالقىشلانغان داكا جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، بايرام مەزگىلىدە ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى.

شيېچېڭ سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15، ئايروپىلان بېلىتى زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشقان، سايرام كۆلى، تىيانشان بوغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەت قىزغىنلىقى تېز ئاشقان. سايرام كۆلىنىڭ كۈتۈۋېلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65، تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ ئىشىك بېلىتى زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئاشقان.

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىدا «جەنۇب- شىمال ھەمتۈرتكە بولۇش» ۋەزىيىتى نامايان بولدى، چاڭشا، بېيجىڭ، شاڭخەي، شىنشياڭ، چېڭدۇ ئاساسلىق ساياھەتچىلەر مەنبەسى بولدى، چېڭدۇ، شىئەن، بېيجىڭ، لەنجوۋ، چۇڭچىڭ شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى ئالقىشلىق مەنزىلگاھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125