شىنجاڭ نېمە ئۈچۈن C909 تىپلىق ئايروپىلان ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچقان ئۆلكە بولۇپ قالدى
10:48:43 2025-04-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

3- ئاينىڭ 30- كۈنى، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلى باشلاندى. پەسىل ئالماشقاندىن كېيىن، C909 تىپلىق تۆت ئايروپىلاننىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭدىكى تىجارەت سېپىگە قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ سانى جەمئىي 22گە يەتتى، ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ سانى جەمئىي 120دىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلان ئارقىلىق ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە بولۇپ قالدى.

نۆۋەتتە، C909 تىپلىق ئايروپىلان شىنجاڭ ئىچىدىكى 26 پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى بىلەن تۇتىشىپ، 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يولۇچىنى بىخەتەر توشۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەر ئارا قاتناش ۋاقتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن %10كە يېقىن تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ، شىنجاڭدا رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقى، ئايرودۇرۇملارنىڭ تۇتاشتۇرۇشچانلىقى ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ قاپلاشچانلىقىنى كۈچلۈك ئۆستۈردى.

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بۇ ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭدا بارغانسېرى كۆپ ئۇچۇشىغا، بارغانسېرى ياخشى ئۇچۇشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟

بازار ئېھتىياجلىق بولدى، جۇغراپىيە جەھەتتىن ماس كەلدى

− C909 تىپلىق ئايروپىلان بىلەن شىنجاڭ «بىر- بىرىنى جەلپ قىلدى»

شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 1950 كىلومېتىر، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 1550 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت زېمىنى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. زېمىنى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، ساياھەت بايلىقى مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە نوپۇسى تارقاق، سودا ئىشلىرى بويىچە سەپەرگە چىقىش، ساياھەت دەم ئېلىشى ۋە تېز سۈرئەتلىك ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەر يۈزى قاتنىشىغا بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ قولايلىقلىقى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەۋزەللىكى روشەن.

شىنجاڭ يەنە مەملىكەت بويىچە ئايرودۇرۇم سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈپ ئىشلىتىلىۋاتقان پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىدىن جەمئىي 27سى بار، 2024- يىلى، قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن جەمئىي 547 سى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارماق لىنىيە بىلەن تارماق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رايون ئايرودۇرۇم لىنىيەلىرى ئىچىدە بىرقەدەر يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

C909 تىپلىق ئايروپىلان دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇربىنا چاقپەلەكلىك تارماق لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، 78دىن 97گىچە يولۇچى سىغىدۇ، ئۇچۇش مۇساپىسى 2225 كىلومېتىردىن 3700 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسم ۋە شىمالىي قىسىم رايونىدىكى ئايرودۇرۇم ۋە ئۇچۇش يولىغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە.

«C909 تىپلىق ئايروپىلاننى لايىھەلىگەندىلا ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە كىلىمات شارائىتىدىكى ئۇچۇش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلاشتۇق.» جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ C909 تىپلىق ئايروپىلانى ئاساسىي تىپىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى جاڭ كېجى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا ھەم ئېگىز تاغ تىزمىلىرى بار، ھەم بىپايان قۇملۇق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىلىماتى ئۆزگىرىشچان، C909 تىپلىق ئايروپىلان ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىدا ياخشى ئۇچۇش- قونۇش ئىقتىدارى ۋە ياندىن چىققان شامالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايونلاردىمۇ مۇقىم خىزمەت ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ، شىنجاڭنىڭ رايون ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئىنتايىن ماسلىشالايدۇ.

2023- يىلى 8- ئايدىن 9- ئايغىچە، C909 تىپلىق ئايروپىلان شىنجاڭدا بىر ئاي داۋاملاشقان ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچۇش پائالىيىتىنى تاماملاپ، شۇ چاغدىكى شىنجاڭدىكى 25 تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ ھەممىسىنى قاپلاپ، C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭغا ماسلىشىشچانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئايرودۇرۇملارغا ئۇيغۇنلىشىشچانلىقىنى تولۇق دەلىللىدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك بولغان تارماق لىنىيە تىرانسپورت بازىرىنىڭ ئېھتىياجى C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، ئوخشاشلا، C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، كىلىماتى ۋە ئايرودۇرۇملارغا ئۇيغۇنلىشىشچانلىقىمۇ ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمكارلىشىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى

− C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ تىجارىتى «كۆپ» بولۇشقا، «ياخشى» بولۇشقا يۈزلەندى

2023- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، C909 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، بۇ، C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم نامايان بولۇشى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن C909 تىپلىق ئايروپىلان بىردىن 22گە كۆپەيدى، تىجارەتكە كىرىشتۈرگەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىردىن ئۈچكە كۆپەيدى، قونالغۇ بازىسى بىردىن تۆتكە كۆپەيدى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بىردىن كۆپىيىپ جەمئىي 120دىن ئاشتى. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C909 تىپلىق ئايروپىلانى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى، تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C909 تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ گۇچۇڭغا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى، يۈەنتۇڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C909 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يۈك ئايروپىلانىغا ئۆزگەرتىلىپ دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى قاتارلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ كۆپلىگەن «تۇنجى قېتىم»ى ئىشقا ئاشۇرۇلدى... دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈش سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بارغانسېرى زىچلاشتى.

2023- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭدا يۈرۈشۈش تورى بەرپا قىلىش، ئايروپىلان رېمونت قىلىش ۋە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇش، چوڭ ئايروپىلان كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ كۆلەملەشكەن تىجارىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى.

2024- يىلى 6- ئايدا، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭدا بىخەتەر يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كوللېكتىپىنى قۇرۇپ، 30 تايانچ ئەزانى تۇرپان، قەشقەر، غۇلجىدىن ئىبارەت ئۈچ يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشۈشنى قوللاش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلار بىلەن ئورتاق كۈچ چىقاردى.

شۇ يىلى 7- ئايدا، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ داشۆ، شىخەنزە داشۆ قاتارلىق 20 نەچچە ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ چوڭ ئايروپىلان مېتېئورولوگىيە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە چوڭ ئايروپىلان قۇم- بوران تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ كۈچنى مۇجەسسەملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭدا بىخەتەر تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ چوڭ ئايروپىلان مېتېئورولوگىيە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى بىلەن ھاۋارايى توغرىسىدا كېڭىشىش، مېتېئورولوگىيە ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ناچار ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. چوڭ ئايروپىلان قۇم- بوران تەتقىقات مەركىزى قاراماي، كۇچا، چەرچەن، قەشقەر قاتارلىق يەتتە ئايرودۇرۇمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا «بىر ئايرودۇرۇمغا بىر تەدبىر» تۈزۈپ چىقتى، مەزمۇنى ئايرودۇرۇم مۇھىتى، مېتېئورولوگىيە ئالاھىدىلىكى، ئايرودۇرۇمنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، ئايرودۇرۇمنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى قۇم- بوران خەۋپى ھەم يۈرۈشۈش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنى بىخەتەر تىجارەتكە سېلىشىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللايدۇ.

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇش

− C909نىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلار «ھاۋا يىپەك يولى»دا تېز ئۇچماقتا.

«چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى تارماق لىنىيەلەرنىڭ توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات كۆلىمىنى زورايتىدۇ. ھازىرقى توشۇش كۈچى ئاساسىدا، يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلىدە شىنجاڭدا C909 تىپلىق ئايروپىلاندىن ئىككىدىن تۆتكىچە كۆپەيتىشنى پىلانلىدى» دېدى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ باش مۇدىرى تاڭ جىن.

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C909 تىپلىق ئايروپىلانى بۇلتۇر 6- ئايدا شىنجاڭدا رەسمىي تىجارەتكە كىرىشكەن. يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى C909 تىپلىق ئايروپىلاندىن تۆتنى كېچىلىك توشۇشقا ئىشلىتىش ئاساسىدا، C909 تىپلىق ئايروپىلاندىن يەنە بىرنى كېچىلىك توشۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆپەيتتى. «C909 تىپلىق بۇ بەش ئايروپىلاننىڭ ھەممىسى قەشقەرنى بازا قىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىشقا ئىشلىتىلىپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى يەنىمۇ زىچلاشتۇرىدۇ» دېدى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شياۋبو.

شىنجاڭ − خەلق ئاۋىياتسىيەسى «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان، پۈتۈن تور ئۇلانغان» بولۇشنى نۇقتىلىق كېڭەيتىدىغان رايون. ھازىر، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، «14- بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان ئايرودۇرۇمنىڭ سانى 33كە يېتىدۇ. شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىمۇ «بىرنى يادرو، كۆپنى قوشۇمچە قىلغان» «غەربكە چىقىرىپ شەرق بىلەن بىرلىشىدىغان» «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان» تۈگۈن، ھاۋا يولى ۋە تور سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرمەكتە.

2026- يىلى، C909 تىپلىق جەمئىي 50 ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان، پۈتۈن تور ئۇلانغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى بەرپا قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭدا بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلاننى چۆرىدىگەن كەسىپ ئېكولوگىيەسى ئاستا- ئاستا شەكىللەنمەكتە. چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلارنىڭ C909 تىپلىق ئايروپىلاننى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش جەھەتتە توپلىغان تەجرىبىلىرى ئاساسلىق ياسىغۇچى كارخانا بولغان جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئايروپىلاننى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ، C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭدا كۆلەملەشتۈرۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى يەنە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ.

شىنجاڭ چوڭ ئايروپىلان مېتېئورولوگىيە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە چوڭ ئايروپىلان قۇم- بوران تەتقىقات مەركىزى كۆپ تەرەپ بىرلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەر، راۋان تىجارەت قىلىشىغا كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ ئايروپىلان مېتېئورولوگىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە قۇم- بوران مۇھىتى ساھەسىدىكى تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم سۇپا ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئايروپىلان رېمونت قىلىش ۋە تەربىيەلەش بازىسى C909 ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، C909 تىپلىق ئايروپىلاننى قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاۋىياتسىيە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگىمۇ تۈرتكە بولدى.

ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭ ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، بۇ تۇپراققا تېخىمۇ گۈللەنگەن كەلگۈسى ئېلىپ كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125