كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ قۇملۇقتا «ئالتۇن قېزىش»
11:03:53 2025-04-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن، پىراكتىكانت ليۇ دەن

«يېڭى بىر يىلدا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بېلىجان- قۇمچاقلارنى قويۇپ بېرىشنى چىڭ تۇتىمىز...» يېقىندا، خوتەن ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چاڭ جىشىن بۇ جاي كىرگۈزگەن نۇرغۇن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق شىركەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئىگىلىدى.

بۇنداق قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان، قۇم- بوران كۈچلۈك جايدا، بىر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس.

چاڭ جىشىننىڭ ئۆيى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭنىڭ شەھىرىدە بولۇپ، ئۇ 2015- يىلى باۋجى ئىجتىمائىي پەن- تەبىئىي پەن شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىپ خوتەن ناھىيەسىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلام يېزا- بازار خىزمەتچىسى بولدى.

چاڭ جىشىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى، خوتەن ناھىيەلىك ئاممىۋى خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلدى، 2023- يىلى 6- ئايدا، ئۇ خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىغا كېلىپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، سېرىق قۇم ۋە شورلۇق يەرگە قارىتا، ئۇ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش تەس دەپ قاراپ، نىشاننى قۇملۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىغا قارىتىشنى قارار قىلدى.

«دەسلەپتە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق، باقمىچىلىق ئورنى، سۇ مەنبەسى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى غايەت زور سىناق بولدى.» چاڭ جىشىن مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭ كوئېنلۇن ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، خوتەن يۈجيەنجياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كارخانىلىرىنى كىرگۈزدۇق، يەنە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەپ، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئېرىگەن قار- مۇز سۈيىنى كىرگۈزۈپ تۇزلۇق دەرىجىسى زىيادە يۇقىرى بولغان باقمىچىلىق كۆلچىكىنىڭ سۈيىنى سۇيۇلدۇردۇق.

2024- يىلى، شۇ جاي مىڭ مو ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى بىرىكتۈرۈپ ئېچىپ، راك، قىسقۇچپاقا، بېلىق قۇمچاق- بېلىجانلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى، كىرگۈزگەن كارخانىلار تۇنجى قېتىم قۇملۇقتىكى شورلۇق يەردە قىسقۇچپاقا باقتى. شۇ يىلى 9- ئايدا، تۇنجى تۈركۈمدە قۇملۇقتا بېقىلغان قىسقۇچپاقىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مەھسۇلات مىقدارى 18 توننىغا يېتىپ، مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون يۈەندىن ئاشتى. شۇ يىلى 11- ئايدا، چېڭدۇدىن ئايروپىلان ئارقىلىق توشۇپ كەلتۈرۈلگەن 60 مىڭ بېلىجان باقمىچىلىق كۆلچىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، نۆۋەتتە بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 280 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 50 مىليون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

«شورلۇق يەردە بېقىلغان قىسقۇچپاقىلارنىڭ تەمى مەززىلىك، بازارغا سېلىنىش ۋاقتى بالدۇر بولۇپ، بازار يوشۇرۇن كۈچى زور، دېھقان ئائىلىلىرى قىسقۇچپاقا بېقىش ئارقىلىق بىر يىلدا كىرىمىنى 40 مىڭ يۈەن ئاشۇرالايدۇ.» چاڭ جىشىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېڭىلىق يارىتىش سىنىقى يېڭىئېرىق يېزىسىغا ھەقىقىي ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ جايدىكى دېھقانلارغا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى.

چاڭ جىشىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە «كارخانا + كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى يارىتىشنى پىلانلىدۇق، ھەر مو بېلىق كۆلچىكىدىن قىلىنىدىغان كىرىمنى 5000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدۇق.

«مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش يولىنى ئېچىش ئۈچۈن، بىز بۇ يىل ئىككى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلىدۇق.» چاڭ جىشىن مۇنداق دېدى: توردا كېڭەيتىش، تور سىرتىدا سېتىۋېلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، مەھسۇلات سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ماركا ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

چاڭ جىشىن يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ قۇملۇقتا يۇلغۇن، توشقانزەدىكى ئۆستۈردى. «دەسلەپتە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇنىڭغا ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆيمۇئۆي تەشۋىق قىلىپ، ئۆستۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر قىسىم دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كۆپچىلىكنى ئۆستۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.» چاڭ جىشىن مۇنداق دېدى: بىز بېيىش باشلامچىلىرىنى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتتۇق، يۇلغۇن، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بۇلتۇر 10- ئايدا ئۈنۈملۈك ئەندىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدەپ تېپىپ چىقىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتۇق.

ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە يېزىنىڭ ئىھاتە ئورمان ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئىلگىرىكى 200 مودىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 22 مىڭ 900 موغا يەتتى.

بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، چاڭ جىشىن يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، قۇملۇقتا «ئالتۇن ئۇۋا» بەرپا قىلدى. بۇ يىللاردا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپايدى، كوللېكتىپ ئىگىلىكمۇ 2022- يىلىدىكى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەكتىن ئېشىپ 2024- يىلىدىكى 5 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125