جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «تيەنئەنمېن» ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى قەلبلەرنى ھاياجانغا سالدى
11:08:14 2025-04-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى رۇشيۇڭ، ليۇ يى) 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1- بېتىدە خەۋەر ۋە ئوبزور ئېلان قىلىنىپ، خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەس- بەستە «تيەنئەنمېن» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلىك ھېكايىسى خەۋەر قىلىندى. 3- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ ھەرقايسى سۇپىلىرى ئاخبارات مەخسۇس تېمىسى «<تيەنئەنمېن> خاتىرە سۈرىتىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە» ۋە پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى ئۇدا ئېلان قىلىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش جەريانىدىكى ھەربىر باش قەھرىماننىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئاددىي- ساددا دۆلەت ھېسسىياتىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەشكە يېتەكلىدى.

بۇ ھېكايىلەر قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئاددىي- ساددىلىق ئىچىگە بىۋاسىتە قەلبلەرنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۈچ مۇجەسسەملەنگەن. خوتەن يېزا- كەنتلىرىدىكى بۇ ھېكايىلەر دەل شىنجاڭدىكى 26 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ بېيجىڭغا قەلبتىن تەلپۈنۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

بۇ تىپىك ھېكايىلەرنى ياخشى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى گېزىتچىلىك گۇرۇھى بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ سەپ شەكلىدە خەۋەر قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىنىڭ تارقىلىش سۈپەت- ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «تيەنئەنمېن» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلىكىدەك بۇ ئاخبارات ۋەقەلىكىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ھەمبەھرىلەپ ئورتاق سادا شەكىللەندۈردى.

«كىچىككىنە بوشلۇقتا دۆلەت ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ» «قەلبتىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كونكرېت ئىپادىلىنىپتۇ»... بىر پارچە دېكراتسىيەلىك رەخت، تۈمەن چاقىرىمدىن ھالقىغان مېھىر- مۇھەببەت، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار بەس- بەستە ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئارقىلىق سۆز قالدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان روھىي قىياپىتى ۋە ئاددىي- ساددىلىق ئىپادىلىنىپ تۇرغان ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئالقىشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «تيەنئەنمېن ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش»تىن ئىبارەت بۇ ئاخبارات ۋەقەلىكى ئارقىلىق بىر قېتىملىق جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە ئىگە بولدى.

3- ئاينىڭ 30- كۈنى «<تيەنئەنمېن> خاتىرە سۈرىتىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە» تېمىسىدىكى پۈتۈن تاراتقۇ يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرى بېرىلگەندىن بۇيان، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىدە بىر يۈرۈش خەۋەر- ئوبزورلار ئېلان قىلىندى. «56 ياشلىق ئامىنە <تيەنئەنمېن> ئالدىدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى» «كىم ئەر كىشىنى سىرتتا ئىشلەپ پۇل تېپىشقا مەسئۇل دەيدۇ؟ بۇ كەنتتە سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاياللار تەڭ يېرىمنى ئىگىلەيدۇ» «ئۇنىڭ تيەنئەنمېن ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى ئۆيىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېسىلغان»... بۇ خەۋەر- ئوبزورلاردا ئاۋات يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلب سۆزلىرى ئىپادىلىنىپ، خوتەندىكى يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات ھېكايىلىرى جانلىق بايان قىلىندى.

نۆۋەتتە، كەنت ئاھالىلىرىنى «تيەنئەنمېن» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە تارتىپ قويغان ئاساسىي قاتلام كادىرى خۇ چۇنفاڭ ئىككى كەنتتىكىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ بولدى، ئۇ يېزىنىڭ ھەربىر كەنتىدىكى ھەربىر ئائىلىنى «تيەنئەنمېن» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە تارتىشنى پىلانلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى بۇنىڭغا سىجىل دىققەت قىلماقتا، ئىزلاپ خەۋەر قىلماقتا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى ھەربىر كەنت، ھەربىر ئائىلىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق- ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ھەربىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ، ھەربىر كىشىنىڭ قەلب ساداسىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، قەلبلەرنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، تېخىمۇ ھەقىقىي، جانلىق، سۆيۈملۈك شىنجاڭ پۈتۈن دۇنياغا نامايان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125