ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يەن شياۋتيەن) يېقىندا تەيۋەن جۇڭتەي دۇنيا مۇزېيى ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۇچا شەھىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قىزىل مىڭئۆي، بېزەكلىك مىڭئۆي قاتارلىق شىنجاڭدىكى مىڭ يىللىق تاش غار توپلىرىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخى، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كەلگەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، تەيۋەن جۇڭتەي چەنزۇڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچى راھىبى شى جيەنشېن فاشى مۇنداق دېدى: ھەربىر جايدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز، سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز تارىخى بار ئىكەن، بۇ قېتىمقى سەپەر نەزەر دائىرەمنى خېلىلا كېڭەيتتى.
4- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چىڭچۈەن ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى، پىكىر ئالماشتۇردى. شىنجاڭ بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، چىڭچۈەن ئىبادەتخانىسىنىڭ باش راھىبى جى رېن ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىغا چىڭچۈەن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە راھىبلارنىڭ كۈندىلىك ئىلىم تەھسىل قىلىش، بۇددا دىنى چەنزۇڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. بۇ جەرياندا، شى جيەنشېن فاشى چىڭچۈەن ئىبادەتخانىسىنى قوغداش، چەنزۇڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىش، بۇددا ئەقىدىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن يۈكسەك تەرىپلىدى ھەمدە چىڭچۈەن ئىبادەتخانىسىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، كېلەر قېتىم يەنە كۆرۈشۈشكە كېلىشتى.
شى جيەنشېن فاشى مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قان قېرىنداش، ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى. جۇڭتەي چەنزۇڭ ئىبادەتخانىسى ئۇزاقتىن بۇيان بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش بۇددا دىنى ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە رامكىسىدىن ھالقىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئارىلىقىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى.
شىنجاڭ مۇزېيىدا، چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا جۇڭگو شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ھېكايىلەرنى جىمجىت بايان قىلىپ تۇراتتى. ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پات- پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆردى، چۈشەندۈرگۈچىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، سوئال سوراپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى چۈشىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش تومۇرىنى ھېس قىلدى.
«بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇ يەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە خەلقى ئىنتايىن جەلپكار ئىكەن، بولۇپمۇ ھەر خىل تاش غار يادىكارلىقلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى. كەلگۈسىدە مەن شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن، تاش غار مەدەنىيىتى جەھەتتە ئىزدىنىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى دوستلار بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ تۇپراقتا مەدەنىيەت ۋە تارىخقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، تاش غار سايىۋەن نەقىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەتقىقات مۇتەخەسسىسى يەن شياڭرۇڭ.