4- ئاينىڭ 5- كۈنى، شاجىچۈەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتستا مودېل يەرلىك كىيىم لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەسىرىنى كۆرگەزمە قىلماقتا. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى، فوتوسى)
4- ئاينىڭ 5- كۈنى، شاجىچۈەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتس شىنجاڭ كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە بىر مەيدان «ئۈرۈمچى ئەتىيازلىق، يازلىق مودا كىيىم- كېچەكلەر كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ماركىلىق كىيىم- كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن يەرلىك ماركىلىق كىيىم- كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرىنى بىر سەھنىدە نامايان قىلدى.
«قار . قۇملۇق» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش كىيىم- كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى سەھنىدە نامايان قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىنى چاقناتتى. بۇ يۈرۈشلۈك كىيىم- كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرىدا ئالتۇن رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ئاساسىي رەڭ سۈپىتىدە ماسلاشتۇرۇلغان، سېرىق، ئاق رەڭ ئارىلاشقان ئەتلەستىن تىكىلگەن چىپاۋ، كاستۇم- بۇرۇلكا قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا ئىستېرېئولۇق پۈرمە لايىھەلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ ئەكس ئەتكەنىدى.
«قار . قۇملۇق» يۈرۈشلۈك كىيىملىرىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ۋاڭ يىخۇا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى− ئەتلەس كىيىم- كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى ھۈنەر- سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى، شۇنداقلا «گوجىخۇا» ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: «قار . قۇملۇق»تىن ئىبارەت بۇ بىر يۈرۈش كىيىم- كېچەكلەرنى لايىھەلەش ئىلھامى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قىش پەسلىدىكى قاردىن كېيىنكى ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىدىن كەلگەن، قار قۇياش نۇرىدا ئېرىگەندىن كېيىن ئالتۇن رەڭلىك قۇم بارخانلىرى كۆرۈنۈپ، تاغ جىلغىلىرى خۇددى كۆڭۈل قويۇپ نەقىشلەنگەن سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشاش رەڭگارەڭ گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ.
بۇ مەيدان مودا كىيىم- كېچەكلەر كۆرگەزمىسىدە جۇڭگودىكى ئون ياخشى مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىنىڭ بىرى، يىپەك يولى نىشاڭ ماركىسىنى ياراتقۇچى سۈن شيۇچىن ئېلىپ كەلگەن ئىككى يۈرۈشلۈك كىيىم- كېچەكلەرمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى پاختا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، مودېللارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلىكى يەلپۈنۈپ، كىشىگە بىر خىل يېنىك، ئازادە، ئىللىق، پاكىز تۇيغۇ بېرەتتى.
سۈن شيۇچىن مۇنداق دېدى: «كېۋەز گۈل ئەمەس، لېكىن گۈلگە ئوخشاش چىرايلىق ئىسمى بار، خۇددى قىشنىڭ قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇ كىيىم- كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە پاختىنىڭ ھەقىقىي، ساپ، گۈزەل تەرىپىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. پاختا يۈرۈشلۈك كىيىملىرىدىكى بېزەك نەقىشلىرىگە كۆپىنچە ئىستېرېئولۇق گۈل ۋە ئۈنچە قوشۇپ كەشتىلەش ھۈنەر- سەنئىتى قوللىنىلىپ، كېۋەزنىڭ شەكلىگە تەقلىد قىلىنىپ، قاتلاممۇقاتلام بەدىئىيلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى».
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياز پەسلىدىكى ئىسسىق ھاۋاغا قارىتا، پاختا يۈرۈشلۈك كىيىم- كېچەكلىرىگە سالقىن، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان پاختا- چىگە رەختى، بېزەك نۇسخىسىغا ياۋگوخۇا، ئۈستىقۇددۇس، توغراق قاتارلىق ئامىللار ئىشلىتىلگەن، يەنە كەشتە تىكىش ۋە مەشۇت يىپتا كەشتىلەش شەكلى قوللىنىلغان.
سۈن شيۇچىننىڭ «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» يۈرۈشلۈك ئەسىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
بۇ بىر گۇرۇپپا كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى بىر- بىرلەپ نامايان قىلىنغاندا، تاماشىبىنلار «كۆركەم»، «سالاپەتلىك»، «نەپىس» دېگەن سۆزلەر بىلەن تەرىپلىدى.
«شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» شىنجاڭ نىيەدىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى. سۈن شيۇچىن «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» مەدەنىيەت ئامىلى بىلەن ياقا، بەل، يوپكىنىڭ ئېتىكى ۋە ئىككى يېنى قاتارلىق جايلارنى دەل جايىدا زىننەتلىگەن، بىر يۈرۈش كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىدا قويۇق شىنجاڭ خاسلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
سۈن شيۇچىن مۇنداق دېدى: «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» يۈرۈشلۈك كىيىم- كېچەكلىرى خەيكوۋ تاۋار سودا كۆرگەزمىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلاردا كۆپ قېتىم «سىرتقا چىقىرىلىپ» كۆرگەزمە قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەدەنىيىتى كېڭەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ رەختنىڭ ھەممىسى يىپەك بۇيۇملار ۋە كىمخاب بۇيۇملار بولۇپ، نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلارغا قول ھۈنەر- سەنئىتى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن، ئۈنچە ئۆتكۈزۈش، زىغزىق، جىيەك تۇتۇش قاتارلىق ھۈنەر- سەنئەتلەر كىيىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نامايان قىلىنىش ئۈنۈمىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۈن شيۇچىن يەنە شىنجاڭ كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن شىنجاڭنىڭ خاس ماركىلىق كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى چوڭ يۈرۈشلۈكلىرى تۇنجى قېتىم سودا سارايلارغا كىرگۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى، ئىستېمالچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردۇق، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك ماركىلىق كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكى بۇ كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىشتىكى قىممىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە لايىھەلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ بىر خىل ھەيدەكچىلىك رول ئوينايدۇ. كەلگۈسىدە شىنجاڭدىكى كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر، جەمئىيىتىمىزدىكى لايىھەلىگۈچىلەر يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، مەدەنىيەت ئامىلى يۇغۇرۇلغان تېخىمۇ كۆپ مودا كىيىم- كېچەكلەرنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزىدۇ.