ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورنى باشلامچى بولۇپ ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايوننىڭ زور پەن- تېخنىكا مەخسۇس تۈرى − شىنجاڭنىڭ شورلۇق سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە شورلۇق تېرىلغۇ يەرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تۈزەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىش تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ تۈر شورلۇق سۇ بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇپ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىچكى موڭغۇل پەن-تېخنىكا داشۆسى، جۇڭگو سۇچىلىق- سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، خۇاشيا بىشۇي مۇھىت قوغداش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىنجېڭ بىيوپەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، مارالبېشى ناھىيەلىك سۇچىلىق باشقۇرۇش پونكىتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ تۈرنى باشلىدى، 23 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاخىرىدا شورلۇق سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش بىلەن شورلۇق تېرىلغۇ يەرلەرنى ماس تۈزەشنىڭ يۈرۈشلۈك تېخنىكىسى، مەھسۇلاتى ۋە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەم مىڭ مو ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تاللاپ ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش پىلانلاندى.
«نۆۋەتتە شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ سانائەت ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ساھەسىدە قوللىنىلىشى بىرقەدەر پىشىپ يېتىلدى، بىراق تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىكى قوللىنىلىشى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۆۋەن تەننەرخلىق، يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى تىپتىكى شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇشنى يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تىرەك بولۇپ، رايون سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش ۋەزىيىتىنى يېنىكلىتىپ، غەربىي قىسىمدىكى باشقا ئۆلكىلەرنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان تەجرىبە بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى فېڭ دى.
بۇ تۈردە شورلۇق سۇ بايلىقى ۋە شورلۇق يەرلەرنىڭ تارقىلىشى تىپىك خاراكتېرگە ئىگە مارالبېشى ناھىيەسى تەتقىقات رايونى قىلىپ تاللىنىپ، دىققەت شورلۇق سۇ بىلەن تۇپراقنىڭ شورلىشىشىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمى تەتقىقاتىغا نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ ھەم شورلۇق سۇنى يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇزسىزلاشتۇرۇش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ ۋە جابدۇقلىرى تەتقىق قىلىنىپ ئېچىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاجىز شورلۇق سۇ بىلەن تاتلىق (تۇزسىزلاندۇرۇلغان) سۇدىن بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەم شورلۇق تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئاخىرىدا شورلۇق سۇدىن بىخەتەر پايدىلىنىش بىلەن شورلۇق تېرىلغۇ يەرلەرنى ماس تۈزەش تېخنىكا ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى مىنېراللىشىش دەرىجىسى 1g/L (بىر لىتىر سۇ ئىچىدىكى تۇز مىقدارى 1 گىرام)دىن يۇقىرى بولغان يەر ئاستى شورلۇق سۇ بايلىقى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىكەن. شىنجاڭدا تەخمىنەن 20 مىليارد كۇب مېتىر يەر ئاستى شورلۇق سۇ بايلىقى بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى شورلۇق سۇ بايلىقى تەخمىنەن %70نى ئىگىلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئېچىپ پايدىلىنىش بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرىدىكەن.
«شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ، تاغلىق رايون بىلەن ئويمانلىق ئارىلاش كەلگەن، ئويمانلىق ئاساسلىقى دېڭىز چۆكمىسى، كۆل چۆكمىسىدىن تەركىب تاپقان، تەبىئىي تۇپراق ئانىلىق ماددىسىنىڭ تۇز مىقدارى يۇقىرى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، شورلۇق سۇ بايلىقى نىسبەتەن مول، بىراق پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شۈ ۋەنلى مۇنداق دېدى: شورلۇق سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازغاندا، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى قىس بولۇشتەك ھازىرقى ھالىتىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، بۇ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە پاختا قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.