ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلدى
10:43:50 2025-04-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى كورلا شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تەجرىبىلەر ئالماشتۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتىكى كونكرېت ئەمەلىيىتى، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، زىددىيەت- ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ قېلىپلىشىشى، يۈرۈشۈشىنىڭ تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇشى، ئايلىنىشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر جايغا قاتراش» نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئەرز قوبۇل قىلىش كۆزنىكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلتىماس- تەلەپ ۋە ماجىرالارنى ھەل قىلىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار، قانۇن نازارەتچىلىكى ئاپپاراتلىرى، مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى قاتارلىق كۈچلەرنى دائىم تۇرۇش، نۆۋەت بىلەن تۇرۇش، چاقىرغان ھامان يېتىپ كېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى «بىر پونكىت شەكلى»دە ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ۋەزىپە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش، تۈرگە ئايرىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قانۇن بويىچە بېجىرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش» خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن خىزمەت سۇپىسى قۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى سانلىق مەلۇماتلىرىنى تولۇق توپلاشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك زىددىيەت- ماجىرالارنى تەرتىپ بويىچە بېجىرىش ھەم قايتما ئىنكاس قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خىزمەت يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاممىغا قولايلىق يارىتىشنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورۇننى ئىلمىي تاللاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن خادىملارغا بولغان يېتەكچىلىك، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا- بازارلىق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئىلتىماس- تەلەپ ۋە ماجىرالارنى ھەل قىلىش «بىر تور»ى بەرپا قىلىپ، «كىچىك ئىشلارنى كەنتتىن چىقارماسلىق، چوڭ ئىشلارنى يېزىدىن چىقارماسلىق، زىددىيەتلەرنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، يۇقىرى- تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تۈرلۈك قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقانلار يەنە كورلا شەھەرلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125