ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ فاڭ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 8- كۈنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) «مېنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ھېكايەم» تېمىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلايدۇ.
بۇ قېتىمقى ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان. «مېنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ھېكايەم» باش تېما قىلىنىپ، ئاپتورلارنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى، ھېس تۇيغۇسى قاتارلىق نۇقتىلار ئارقىلىق، 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، بارلىققا كەلگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
ماقالە قوبۇل قىلىش ۋاقتى بۈگۈندىن باشلاپ 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولۇپ، بېكىتىلگەن ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xj70xxpt@163.com. تاللانغان ماقالىلەر شىنجاڭ گېزىتى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، تىيانشان تورى قاتارلىق سۇپىلاردا ئېلان قىلىنىدۇ.
70 يىللىق بوران- چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق، 70 يىلدا مول مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شىنجاڭنىڭ ھەربىر قەدەمدىكى تەرەققىياتىغا سانسىزلىغان كىشىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن، ھەربىر ھېكايىگە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت ۋە گۈزەل ئارزۇ مۇجەسسەملەنگەن. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى پائالىيەتكە پائال قاتنىشىپ، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان يىللارنى يېزىق ئارقىلىق قايتا ئەسلەپ، ئىللىق ئەسلىمىلەرنى ھېكايە ئارقىلىق بايان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە ئەڭ سەمىمىي بەخت تىلەشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز!