شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تۇنجى قېتىم كۆۋرۈكنى بۆلەكلەر بويىچە چۇۋۇش ھۈنەر- سەنئىتىنى كىرگۈزدى
11:32:11 2025-04-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئۈچ سائەتتە 900 توننىلىق ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك كۆۋرۈكى «سىلىق» چۇۋۇلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ) 4- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 13تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى گۇرۇپپا بۆلەك ئاپتوموبىلىنىڭ خەندۈن كۆۋرۈكىنىڭ كۆۋرۈك گەۋدىسىنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈش سۇپىسىغا سىلىق يۆتكىشى بىلەن بۇ كۆۋرۈكنى بۆلەكلەر بويىچە تېز سۈرئەتتە چۇۋۇش قۇرۇلۇشىنىڭ G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا تۇنجى قېتىم قوللىنىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى، بۇ يەنە شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشىدا تۇنجى قېتىم كۆۋرۈكنى بۆلەكلەر بويىچە چۇۋۇش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى بۆلىكى شىنجاڭغا كىرىش- چىقىشتىكى قاتناش چوڭ تومۇرى، 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىدا G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيادىن قومۇل بۆلىكىگىچە، قومۇلدىن تۇيۇق بۆلىكىگىچە بولغان ئىككى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى.

جۇڭگو تۆمۈريولى 11- ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇل- تۇرپان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش 12- بۆلەك تۈرىنىڭ مەسئۇلى پەن ۋېنفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈرنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۆلەك ئىچىدىكى خەندۈن كۆۋرۈكى ۋە ئېرتاڭگوۋ كۆۋرۈكىدىن ئىبارەت ئەسلىدە بار بولغان ئىككى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنى چۇۋۇپ قايتا قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئاپتوموبىل ئېقىمى بىرقەدەر كۆپ، ئەگەر قاتناش قۇرۇلۇشى ئۈزۈلۈپ قالسا، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭغا كىرىدىغان- چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇرۇلۇشچىلار SPMT (كۆۋرۈكنى چۇۋۇش ۋە قۇراشتۇرۇشنى بىر كۆزنەكلىك ھەل قىلىش لايىھەسى) ھۈنەر- سەنئىتىنى كىرگۈزۈپ، ئەسلىدە بار بولغان كۆۋرۈكنى بۆلەكلەر بويىچە چۇۋۇشنى قارار قىلدى.

ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، SPMT ھۈنەر- سەنئىتى كۇبىك ياساش ياكى كۇبىك چۇۋۇشقا ئوخشاش بولۇپ، قۇرۇلۇش دېتاللىرىنى ماس قەدەمدە يۆتكەش ئارقىلىق، تۆۋەن تەرەپتىكى يول يۈرۈشكە بولغان تەسىرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكىدا ئۆزى يۈرەر سۇيۇق بېسىملىق بۆلەك ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاساسىي لىم ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ، مەركەزلىك سۇيۇق بېسىملىق تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە بۆلەكلەر بويىچە لايىھەلەش ئارقىلىق، پۈتۈن كۆۋرۈكنى تېز سۈرئەتتە ئۈستىگە چىقىرىشقا، يۆتكەپ توشۇشقا بولىدۇ، چۇۋۇش جەريانىغا پەقەت بىرنەچچە سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوماتىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئوقىنىڭ ھالىتىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەش سۇپىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈستىگە چىقىرىش، ئورۇن يۆتكەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ سىلىق، دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، گۈمۈرۈلۈش، نەرسە چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق خەۋپ- خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلغىلى، تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

شۇ كۈنى بۆلەكلەر بويىچە تېز سۈرئەتتە چۇۋۇش قۇرۇلۇشى قىلىنغىنى خەندۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 60 مېتىر، ئېغىرلىقى 900 توننا، ئېگىزلىكى 5.2 مېتىر كېلىدۇ. مۇخبىر نەق مەيداندا ئىككى گۇرۇپپا بۆلەك ئاپتوموبىلىنىڭ كۆۋرۈك ئاستىغا كېلىپ، خەندۈن كۆۋرۈكىنىڭ كۆۋرۈك گەۋدىسىنى كۈچەپ «تىرەپ»، ئاندىن ئاستا- ئاستا كەينىگە يۆتكىگەنلىكىنى، ئاخىرىدا كۆۋرۈك گەۋدىسىنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈش سۇپىسىغا قويغانلىقىنى كۆردى، بۇ كۆۋرۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك چۇۋۇلدى، بۇنىڭغا ئۈچ سائەت ۋاقىت كەتتى.

شىنجاڭ قاتناش سېلىنمىسى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇلدىن تۇيۇققىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جياڭ شىڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم SPMT كۆۋرۈكنى بۆلەكلەر بويىچە چۇۋۇش ھۈنەر- سەنئىتى شىنجاڭ تاشيولىدا تۇنجى قېتىم ئىجادىي قوللىنىلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى كۆۋرۈك چۇۋۇش تېخنىكىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھۈنەر- سەنئەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشنىڭ قاتناشقا بولغان تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ ھەم كۆۋرۈكنى چۇۋۇش ۋاقتىنى %75 قىسقارتىدۇ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر. كېيىن ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇل- تۇرپان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا بۇ ھۈنەر- سەنئەتنى داۋاملىق قوللىنىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ بۇ يىل ئىچىدە تۈردە قاتناش باشلاش نىشانىغا قاراپ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز.

G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا يىل ئىچىدە ئاساسىي لىنىيەدە قاتناش باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلاندى، شۇ چاغدا شىنجاڭغا كىرىدىغان- چىقىدىغان چوڭ يول ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125