شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بويىچە دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندىنىڭ تۇنجى چوڭ تۈر تېمىسىنى باشلىدى
11:37:07 2025-04-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

«قاراسۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيەلىك مەدەنىيەت تەرتىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالتاي تېغى ئەتراپىدا دەسلەپكى مەزگىلدىكى شەرق- غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، توپلىنىشى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى مۇھىم بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى» دېدى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تۈر باش مۇتەخەسسىسى يۈ جيەنجۈن. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، 2024- يىللىق دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندىنىڭ چوڭ تۈرى بولغان «قاراسۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقىغا دائىر ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە ئۇنىۋېرسال تەتقىقات» تېمىسى بويىچە تېما باشلاش دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندىنىڭ تۇنجى چوڭ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

قاراسۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقى قابا ناھىيەسىنىڭ جايلىما يېزىسىدىكى بىر پارچە قاقاسلىقتىكى ئوتلاققا جايلاشقان. 2014- يىلى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بۇ جاينى جىددىي قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ، تېرىلغۇ يەر بىلەن قورشالغان قەدىمىي قەبرىلەر توپىدىكى 50تىن ئارتۇق قەبرىنى ئارقا- ئارقىدىن ئېنىقلاپ چىقىپ، تاش قوراللار، سۆڭەك بۇيۇملار، ساپال بۇيۇملار، مىس بۇيۇملار، تۆمۈر قوراللار، ئالتۇن بۇيۇملار، سىرلانغان بۇيۇملار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 600 پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قېزىپ چىققان.

قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ يىل تارىخىنى ئۆلچەشتىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراسۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقىنىڭ دەۋر ھالقىمىسى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئارخېئولوگلار چۇنچيۇ- جەنگو، خەن سۇلالىسى، تاڭ سۇلالىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئوخشاش بولمىغان دەۋرگە تەۋە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

«M15 بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقتىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، قېزىپ چىقىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول قەبرە، شۇنداقلا ئەينى چاغدا شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا بايقالغان ھەمدەپنە ئات سانى ئەڭ كۆپ قەبرە بولۇپ، بۇنىڭدىن قەبرە ئىگىسىنىڭ ئەينى چاغدا جەمئىيەتتە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» گەرچە تۇنجى قېتىم قېزىلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەينى چاغدىكى «قەلبىنى لەرزىگە سالغان» پەيتلەر يۈ جيەنجۈننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى: قەبرىدىكى خام توپىلىق سۇپىدا 13 ئات بار بولۇپ، ئۈچ رەت تىزىلغان، بەزى ئاتلارنىڭ بېشى ۋە بەدىنىدە بورىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرى، ياپراق ئالتۇن، قىزىل سىر قەۋىتى بار، بەزى ئاتلارنىڭ بەدىنىدە يەنە تۈگمە، سۆڭەك نەيچە قاتارلىق سۆڭەك بۇيۇملار بار؛ يەنە قىزىل ساپال چەينەك، تۈز ساپلىق مىس ئەينەك، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن يولۋاس بېشى شەكلى چۈشۈرۈلگەن مىس تاختىلىق بەلباغ قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان.

قەدىمىي قەبرىستانلىق ھەم قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىمكانقەدەر قوغداش ئۈچۈن، ئارخېئولوگلار 2014- يىلى قېزىپ چىققاندىن كېيىن بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئېلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوراپ ئۆي ئىچى تەتقىقات ئورنىغا يەتكۈزۈپ بەردى، تەجرىبىخانىدا قېزىش ۋە پەن- تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق ياپراق ئالتۇن، توقۇلما بۇيۇم قاتارلىق يادىكارلىقلار تەدرىجىي ئېنىقلاپ چىقىلىپ، ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي بۇيۇم ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

ئون نەچچە يىلدا، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى قاراسۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆي ئىچىدە قېزىش، قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سىستېمىلىق رەتلەش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندىنىڭ چوڭ- چوڭ تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىشقا ئاساس سالدى. بۇ مەزگىلدە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلاشقان «شىنجاڭ قاراسۇ قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان سۆڭەك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى»، M15 قەبرىسىدىن قېزىپ چىقىلغان 13 ئات سۆڭىكى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھەمدەپنە قىلىنغان ئاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تونۇش ھاسىل قىلىندى.

ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكىلەرنىڭ ئات ئىشلىتىش ئۆرپ- ئادىتى ۋە بېزەش ئۇسلۇبى ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئاسىيا- ياۋروپا يايلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى چارۋىچىلىق مەدەنىيلىكىنىڭ دەپنە تۈزۈمى ۋە جەمئىيەت قىياپىتىنى دەل جايىدا چۈشەنگىلى بولىدىكەن. يىپەك يولى ئارخېئولوگىيە ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش ئالىمى ۋاڭ جيەنشىن مۇنداق كۆرسەتتى: قاراسۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى قېزىش نەتىجىسى يىپەك يولى لىنىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«قاراسۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقى ئالتاي ۋىلايىتىدە بايقالغان جەنگو دەۋرىگە ئائىت يادىكارلىقلار ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە يادىكارلىق بولۇپ، بىز بۇ جايدىن پەيسىمان سىزىقلىق مىس ئەينەك پارچىلىرى، قىزىل، قارا سىرلانغان بۇيۇملار قاتارلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇيۇملارنى بايقىدۇق، بۇ، جەنگو دەۋرىدە ئالتاي تېغى ئەتراپى مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ زىچ يۇغۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دەپ بىلدۈردى يۈ جيەنجۈن.

كۆپ يىل سىجىل داۋاملاشقان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە قەدىمكى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى دەۋرىدىن باشلانغان ئاز دېگەندىمۇ بىر شەرق- غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى مەۋجۇت بولغان، بۇ يول قەدىمكى تاش قوراللار تېخنىكىسى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈش، مېتال تاۋلاش ھەم ئات كۆندۈرۈش قاتارلىق مەدەنىيلىكنىڭ تارقىلىشىنى مۇھىم يول بىلەن تەمىنلىگەن.

يۈ جيەنجۈن مۇنداق تەكىتلىدى: ئالتاي تېغى شەرق- غەرب مەدەنىيلىكى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. تەتقىقات كوللېكتىپى ماتېرىيال رەتلەش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك دوكلات يېزىشنى يادرو قىلىپ، پەن- تېخنىكا ئارخېئولوگىيەلىك ئەۋرىشكە تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك مەدەنىيەت تەرتىپىنى بەرپا قىلىشنى دەلىل- ئىسپات تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125