3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى باشلاندى
11:44:43 2025-04-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مايگۈل ئايتقازى) 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، قالتىس بولغان 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى.

3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن (بۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن) بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، «رەڭدارلىق ئىچىدە قەلبداشلىقنى تاۋلاش، 70 يىلنى خۇشال كۈتۈۋېلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات- سەنئەت ئورنى- ئۆمىكى، گۈزەل سەنئەت، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ھەم بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ئويۇن قويۇش، كۆرگەزمە قىلىشقا قاتنىشىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان: مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئىتى نومۇرلىرى كۆرىكىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئەدەبىيات- سەنئەت ئورۇنلىرى- ئۆمەكلىرى ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ؛ ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كىچىك تىياتىرخانا نومۇرلىرى تاللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەم ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 11 مەيدان قېتىم مەركەزلىك كۆرەك قىلىنىدۇ؛ نادىر كۆرگەزمىلەر كۆرگەزمە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام سەييارە كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەكتىكى جەمئىي يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۈركۈم خاس ساياھەت سەنئەت نومۇرلىرى «مۇنەۋۋەر ساياھەت سەنئەت نومۇرلىرى تىزىملىكى»گە تاللاپ كىرگۈزۈلىدۇ؛ مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرىنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى بويىچە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە چۆكۈش شەكلىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرى تەسىس قىلىنىپ، خاس مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ ۋە سېتىلىدۇ؛ شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا «ئەنئەنە بىلەن مودا ئېقىمنىڭ ئىككىلەمچى بوشلۇق ھالقىغان سۆھبىتى» كارتون كۆرگەزمىسى ۋە Cosplay كۆرگەزمە كۆرىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىدە جىڭجۈ تىياتىرى مەخسۇس مەيدانى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك پائالىيەت تەسىس قىلىنىدۇ (ئاپتونوم رايون بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇنۇپ 144 مەيدان قېتىم ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ)، يېپىلىش مۇراسىمىدا چىنچياڭ ئەلنەغمىسى زامانىۋى تىياتىرى «خۇڭسەن مۇنارى ئاستىدا» قويۇلىدۇ.

شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى ئىككى نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش گەۋدىلەندۈرۈلدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەندۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125