ئۈرۈمچىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېرە ئويما تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولغان قىزغىن، قەيسەر بىرەيلەن بار، ئۇ بولسىمۇ مېڭ لۇلۇ.
3- ئاينىڭ 17- كۈنى، 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى زامان ھۈنەر- سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسىدىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەن مېڭ لۇلۇ دەم ئالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ تېرە ئويما ئىشخانىسىغا قايتىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ تېرە ئويما ئوقۇتۇشى ۋە ياسىمىچىلىقىغا ئىشلىتىدىغان سايمانلارنى ئەستايىدىل يىغىشتۇردى، ئۇ پات ئارىدا قابا ناھىيەسىگە بېرىپ شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنى تەربىيەلىمەكچى بولۇۋاتاتتى. مېڭ لۇلۇ شىنجاڭدىن ئىبارەت مۇشۇ تۇپراقتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىچىك ۋاقتىدا جۇڭگوچە رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن، داشۆدىكى ۋاقتىدا لايىھەلەشنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى تېرە ئويما ئىجادىيىتى ئۈچۈن چوڭقۇر سەنئەت ئاساسى سالغان.
3- ئاينىڭ 19- كۈنى، مېڭ لۇلۇ خۇرۇمغا تۆشۈك تەشمەكتە.
3- ئاينىڭ 17- كۈنى، مېڭ لۇلۇ يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزمەكتە.
مېڭ لۇلۇنىڭ تېرە ئويما سەنئىتىگە بولغان مۇھەببىتى بالىلىق چاغلىرىدا دادىسىغا ئەگىشىپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلىشتىن كەلگەن بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان تېرىدىن ياسالغان بۇيۇملىرىدىن ئېگەر، قامچا، تېرە چىلەك، ئۆتۈك قاتارلىقلار خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش ئۇنى ئۆزىگە تارتقانىدى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئىستىقبالى بار ياخشى خىزمەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن قەتئىي تۈردە تېرە ئويما سەنئىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىدى ھەم يالغۇز ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ ھۈنەر ئۆگىنىش سەپىرىگە ئاتلاندى. ئۇ يەردە، مېڭ لۇلۇ تېرە ئويما سەنئىتى ئۇستىسىغا شاگىرت بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھۈنەر- سەنئەتنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ھاياتىنى باشلىدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ، سانسىز ئىزدىنىش ۋە چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ تېرە ئويمىچىلىقىنى دەسلەپ ئاددىي ئۆگەنگۈچىدىن تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن داڭلىق تېرە ئويما ئۇستىسىغا ئايلاندى.
3- ئاينىڭ 19- كۈنى، مېڭ لۇلۇ خۇرۇم پىچماقتا.
3- ئاينىڭ 19- كۈنى، مېڭ لۇلۇ ئۆزىنىڭ «ساۋۇت» ناملىق تېرە ئويما ئەسىرىنى سۈرتمەكتە.
مېڭ لۇلۇنىڭ تېرە ئويما ئەسەرلىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە، شىنجاڭ ئامىلىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت بىلەن مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە دائىم تىيانشان يىلپىزى، بادام گۈلى، بۈركۈت، قارلىق تاغ قاتارلىق شىنجاڭغا خاس ئامىللار ئۇچرايدۇ.
ئۇنىڭ ئويۇش پىچىقىدا، بۇ ئامىللار ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ناھايىتى جانلىق ئىپادىلىنىدۇ، دەل مۇشۇ ئامىللار ئۇنىڭ تېرە ئويما ئەسەرلىرىنى ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە قىلغان.
2024- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، مېڭ لۇلۇ قابا ناھىيەسىنىڭ ساربۇلاق بازىرىدا يەرلىك چارۋىچىلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيەلىمەكتە. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن
ئۇنىڭ تېرە ئويما ئەسەرلىرى ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت قازانغان بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆپ قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، شىنجاڭ تېرە ئويما سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بىلەن تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەسىلەن، شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تېرە ئويما مۇسابىقىسىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھۈنەر- سەنئەت «ئالتۇن سۇمۇرغ» مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مېڭ لۇلۇنىڭ تېرە ئويما ئەسىرى «ئانا».
3- ئاينىڭ 19- كۈنى، مېڭ لۇلۇ خىزمەت سۇپىسىدا خۇرۇم پىچماقتا.
مېڭ لۇلۇ ئۆزىنىڭ تېرە ئويما سەنئىتى ساھەسىدە يۈكسىلىشكە ئېرىشكەنلىكىدىن قانائەتلىنىپ قالمىدى، ئۇ يەنە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە بىر مۇنەۋۋەر پىدائىيغا ئايلاندى.
ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تېرە ئويما ھۈنىرىنى شۇ جايدىكى چارۋىچىلارغا خالىس ئۆگەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە پائال ئاتلىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ، ياخشى ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق داڭلىق ماركىسى − «چارۋىچىلار قول ھۈنىرى» ماركىسىنى ياراتتى ھەم شىنجاڭلىقلار بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ بىر قاتار ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى.
3- ئاينىڭ 19- كۈنى، مېڭ لۇلۇ سايمانلىرىنى رەتلىمەكتە.
3- ئاينىڭ 19- كۈنى، مېڭ لۇلۇ تېرە ئويما ياساش سايمانلىرىنى رەتلىمەكتە.
ھازىرغىچە، مېڭ لۇلۇ تېرە ئويما ھۈنەر- سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش يولىدا ئۆز ئالدىغا 300دىن ئارتۇق ۋارىسنى يېتىشتۈردى.
ئۇ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: «تېرە ئويما ھۈنەر- سەنئىتىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ ھەم قەدىمىي، ھەم گۈزەل بولغان ھۈنەر- سەنئەتنى چۈشىنىش ۋە ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن». مېڭ لۇلۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەتنىڭ زامانىۋى قىممىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.
2024- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، قابا ناھىيەسىنىڭ ساربۇلاق بازىرىدىكى چارۋىچىلار ئۆزلىرى ياسىغان كىچىك تېرە چېلەكنى كۆرسەتمەكتە. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن