بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە- سەنئەت بىناسى تۈرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سەنئەت بىناسى تۈرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 135- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە- سەنئەت بىناسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى قاتارلىق نۇرغۇن تۈر قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54- ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9- ئوتتۇرا مەكتەپ 2024- يىلى كۈزدە تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى بويىچە يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. بۇ ئىككى مەكتەپ بۇ يىل يېڭى بىنا سېلىش تۈرىنى يولغا قويدى.
قۇرۇلۇش خادىملىرى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرا يىللىقلار بىناسى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا يىللىقلار بىناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى تازىلىدى، بۇ يەرگە تولۇق ئوتتۇرا يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېڭىدىن تەنتەربىيە- سەنئەت بىناسى سېلىنىدۇ. يېڭىدىن سېلىنىدىغان بۇ بىنا ئەسلىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا بۆلۈمى، تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈمى بىناسى ھەمدە كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا ئۇنىۋېرسال بىناسى بىلەن قوشۇلۇپ، «E» شەكىللىك بىنا توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يېڭىدىن سېلىنىدىغان تەنتەربىيە- سەنئەت بىناسى تىكتاك توپ ئۆيى، زال ئىچى ۋاسكېتبول سارىيى، گۈزەل سەنئەت كەسپىي سىنىپى، مۇزىكا كەسپى سىنىپى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ كەييۈەن مۇنداق دېدى: تەنتەربىيە- سەنئەت بىناسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشى مەكتىپىمىزنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت دەرسىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇش ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق خاس دەرسلىكلەرگە بولغان كۆپ خىل ئېھتىياجىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قاندۇرۇش شارائىتىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن سېلىنىدىغان سەنئەت بىناسى تۈرى 7000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان سەنئەت بىناسى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي سىرتى پائالىيەت مەيدانى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، يەنە ھازىر بار كۇتۇپخانىنىڭ تېمى، يەر يۈزى رېمونت قىلىنىدۇ.
بۇ يىل يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا مائارىپ قۇرۇلۇش تۈرىدىن جەمئىي سەككىزى بار، ئۇلار باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە چېتىلىدۇ.
ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)لىق مائارىپ ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شىنيۈ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلەر پۈتكەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئوقۇتۇش شارائىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇكەممەل ئەسلىھەلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، مەكتىپىمىز يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تەنتەربىيە ۋە سەنئەت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ، دەرس سىستېمىسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپنىڭ جەمئىيەت تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرىدۇ. (مۇخبىر مۇ مىن)