«تىيانشاندىكى ماددىي بۇيۇملار 70 يىلغا گۇۋاھ بولدى» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىي بۇيۇملارنى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى
10:01:39 2025-04-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

توپلاش ئۇقتۇرۇشى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋۇ گوفېڭ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ھەيۋەتلىك مۇساپىنى جانلىق نامايان قىلىش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھ) «تىيانشاندىكى ماددىي بۇيۇملار 70 يىلغا گۇۋاھ بولدى» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىي بۇيۇملارنى توپلاش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى.

بۇ قېتىمقى توپلاش پائالىيىتىدە «تىيانشاندىكى ماددىي بۇيۇملار 70 يىلغا گۇۋاھ بولدى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان يىللارغا ئائىت ماددىي ئىسپاتلار ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى 70 يىللىق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش دەۋر مەنزىرىسىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش مەقسەت قىلىنغان.

بۇ قېتىمقى توپلاش پائالىيىتىدە دىققەت «ۋاقىت سۆھبىتى» «دەۋر ئىزنالىرى» «سەپەردىن ئۆرنەك ئېلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەگە يۈزلىنىپ، تارىخىي گۇۋاھلىق ئەھمىيىتىگە ئىگە يېڭى - كونا بۇيۇملار، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى ھەم تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن ئەمەلىي بۇيۇم مودېللىرى كەڭ كۆلەمدە توپلىنىدۇ. چىپار يەر بەلگىسى سېلىشتۇرما سۈرەتلىرىدىن دەۋر ئىزنالىرى نەقىشلەنگەن شەھەر سوۋغىتىغىچە، تۇنجى سانائەت ئۈسكۈنىسى مودېلىدىن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولىدىغان ھۆججەت، ئىزناكلارغىچە ساقلانغان ھەربىر بۇيۇم شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىدىغان جانلىق ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. 

توپلاش ۋاقتى بۈگۈندىن باشلىنىپ، 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، قاتنىشىشنى تىزىملىتىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئېلېكتىرونلۇق تىزىملىتىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى ھەم ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئەسەرلەرنىڭ سۈرىتى ھەم ئالاقىدار يازما چۈشەندۈرۈشنى تاپشۇرۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر، سۈرەتلەر ۋە ھېكايىلەر شىنجاڭ گېزىتى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى، تىيانشان تورى قاتارلىق سۇپىلاردا نامايان قىلىنىدۇ.

70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار قەلبداش بولۇپ قول تۇتۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ياشلىق باھارى ۋە ئەجرى ئارقىلىق بۈگۈنكى گۈزەل شىنجاڭنى بارلىققا كەلتۈردى.  پائالىيەتتە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر پائال قاتنىشىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىنىپ، پۇقرالار نۇقتىسىدا تۇرۇپ مىكرو قاتلامدىن بايان قىلىش ئارقىلىق كونا بۇيۇملارنى «سۆزلىتىپ»، يېڭى ئىجادىيەت ئارقىلىق ھارارەت يەتكۈزۈپ، تۇتقىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان چېگرا رايون تەرەققىيات تارىخىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئۈمىد قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125