ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ
3- ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى، يىغىننىڭ بىر تۈرلۈك قارالمىسى «2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ <ئالتە مۇھىم تىزىملىك>ى»نى مۇھاكىمە قىلىش بولدى. «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا قانداق ئەھمىيىتى بار؟ تىزىملىكنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟
«ئالتە مۇھىم تىزىملىك» پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەر ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىنى بېكىتىپ بەردى
«ئالتە مۇھىم تىزىملىك» چوڭ- چوڭ تۈرلەر، مۇھىم سۇپىلار، نۇقتىلىق كەسىپلەر، مۇھىم ئىسلاھاتلار، مۇھىم سىياسەتلەر ۋە نۇقتىلىق ئامىللاردىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىكى تىزىملىكنى كۆرسىتىدۇ. 2021- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ «ئالتە مۇھىم تىزىملىك»نى تۈزۈپ يولغا قويۇشقا باشلىدى. 2021- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» دېگەن سۆز ھەر يىلى تىلغا ئېلىندى، بۇنىڭدىن بۇ خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن، تىزىملىكنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە يادرولۇق ۋەزىپىسىگە قاراپ باقايلى.
چوڭ- چوڭ تۈرلەر − تۈر قۇرۇلۇشلىرى سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «جان تومۇرى»، شۇنداقلا قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «ئاساسىي موتور». 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ بويىچە 2025- يىلى 1- پەسىلدىكى چوڭ- چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىم مەركەزلىك ئىش باشلانغان جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى يولغا قويغان ئارېن قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ۋە خام ئەشيانى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىكى يىلىغا كۆمۈردىن 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىش تۈرى، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ خۇامېي شېڭدى مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرى قاتارلىقلار دەل شىنجاڭنىڭ «تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇش»نى ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكىنىڭ تەسۋىرى. پائالىيەتتە يەنە مۇنۇلار ئاشكارىلاندى: 2025- يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا سېلىنما كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 12 مىڭ 400 تۈرنى يولغا قويۇش پىلانلانغان، ئومۇمىي سېلىنمىسى 6 تىرىليون 230 مىليارد يۈەن بولۇپ، يىللىق پىلاندىكى سېلىنمىنى ئاشۇرۇش سۈرئىتى %10تىن يۇقىرى بولىدۇ. چوڭ- چوڭ تۈرلەر ئىچىدە، 100 مىليون يۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈر 4300دىن ئاشىدىغان بولۇپ، 1- پەسىلدە سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %15تىن يۇقىرى بولۇشى مۆلچەرلەندى. شىنجاڭ تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاشقا، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.
مۇھىم سۇپىلار − تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىش نىشان قىلىنىپ، ھازىر بار بولغان سۇپا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىنىدۇ.
نۇقتىلىق كەسىپلەر − دىققەت «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېتىلدۈرۈلۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. مەسىلەن: بۇلتۇر قىشتىن باشلاپ، «مەبلەغ سېلىشتىكى ئىللىق قىش» مەخسۇس ھەرىكىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى كۈچەپ ئېچىش، كۆمۈر كانلاردا ئىش باشلاشنى تېزلىتىش، يېشىل كانلاردا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇھىم ئىسلاھاتلار − ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2025- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ يىل، شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە «ئون تور»ى قۇرۇش، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق 13 تۈرلۈك ئىسلاھاتتا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چۆرىدەپ، باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.
مۇھىم سىياسەتلەر − سىياسەتنىڭ تىرەكلىك رولى كۈچەيتىلىدۇ، مەسىلەن: دۆلەتنىڭ بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مالىيە- باج سىياسىتى ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار.
نۇقتىلىق ئامىللار − ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈر مەبلىغى، يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىل ئېھتىياجىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
«ئالتە مۇھىم» چاقنى تەڭ ئايلاندۇرۇش كېرەك
«ئالتە مۇھىم تىزىملىك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. ئوخشاش بىر نىشان − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ، «ئالتە مۇھىم» چاقنى تەڭ ئايلاندۇرغان، ئۇچقاندەك ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن تۇتقىنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىشنى، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى باشلامچى قىلىش: سېلىنما ھەجمى زور، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مۇھىم سۇپىلارنى ۋاسىتە قىلىش: جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە نۇرغۇن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش سۇپىسىغا تايىنىپ، سىياسەت ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، رايون تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئاساس قىلىش: «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.
مۇھىم ئىسلاھاتلارنى يېتەكچى قىلىش: تۈزۈم خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
مۇھىم سىياسەتلەرنى تىرەك قىلىش: مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، بايلىقنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مايىللىشىشقا يېتەكلەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان سېلىنما مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
نۇقتىلىق ئامىللارنى كاپالەت قىلىش: يەر، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئامىللار بىلەن تەمىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش كېرەك.
تىزىملىكنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش
«ئالتە مۇھىم تىزىملىك» شىنجاڭ بويىچە پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرگە چېتىلىدىغان مۇھىم تۇتقا.
ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسى ۋە سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «بىر تۈر، بىر مەخسۇس بەن، بىر لايىھە، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇش» خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىشنى يولغا قويۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش»تەك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار دائىم تۈرنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تۈر تۇرغۇزۇش، تەستىقلاش، قۇرۇلۇش قىلىش، تىجارەت قىلىش قاتارلىق پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
«ھەر ھەپتىدە ئىلگىرىلەش بولۇش، ھەر ئايدا يۈكسىلىش بولۇش»تەك بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ بالدۇر ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى بالدۇر ئىشلەش، تېز ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى تېز ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئارقىمۇئارقا تەستىقلاشنى يانداش تەستىقلاشقا ئۆزگەرتىپ، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئىشچى ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىللار مەدىتىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، خەلققە جاپا سالىدىغان، مال- مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك.