ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ
يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 6- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تېكەس ناھىيەسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرى بولغان قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى قۇۋان نارىنباي مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ تىزىملىككە تاللاندى.
قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرىنىڭ شەكلى قىسقا، تىلى ئىخچام، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر جانلىق، ئوبرازلىق، ئىدىيەنى ئىپادىلەش جەھەتتە مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى، ئەخلاق قارىشى ۋە غايە - ئېتىقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مەنبەسى قىلغان، ھەمدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، «ئالتۇندەك سۆزلەر» دەپ ئاتالغان. ئەۋلادمۇئەۋلاد ئاغزاكى تارقىلىش ئارقىلىق بۇ خىل شېئىرىي تۈسى قويۇق، ئېيتىشقا ئەپلىك سۆز شەكلى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كەڭ تارقالغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئايلانغان بولۇپ، ھەم تۇرمۇش قامۇسى، ھەم ئاقىنلار ئېيتىشىشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. 2021- يىلى، ماقال- تەمسىللەر (قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرى) 5- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكى خەلق ئەدەبىياتى تۈرىنىڭ كېڭەيتىلگەن تۈر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
«ۋەتەن بولسا ئاندىن ئائىلە بولىدۇ» «قازاق خەلقىنىڭ بايلىقىنىڭ تەڭ يېرىمى مېھمانلارنىڭ»... تېكەس ناھىيەسى لىجيې كوچىسى سىرماق تار كوچىسىدىكى بىر تامغا قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرى يېزىلغان كىچىك ياغاچ تاختىلار لىققىدە ئېسىلغانىدى. قۇۋان نارىنباينىڭ ئۆيى دەل مۇشۇ يەردە. تېكەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھويلىسى قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرىگە ۋارىسلىق قىلىش- ئۆگىتىش نۇقتىسى قىلىندى، بۇ ھويلىدا تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن سىرت، يەنە ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. ھويلىدىكى شىپاڭ جازىسىغا ماقال- تەمسىللەر يېزىلغان ياغاچ تاختىلار ئېسىلغانىدى، ئوتتۇرىدىكى چوڭ ئۇزۇن ئۈستەلگە قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرىگە دائىر كىتاب ۋە ژۇرناللار قويۇلغانىدى، يەنە قۇۋاننىڭ ماقال- تەمسىللەرنى توپلىغان ۋە رەتلىگەن خاتىرىلىرى بار ئىدى.
قۇۋان تېكەس ناھىيەسىنىڭ چولاقتېرەك بازىرىدىكى بىر چارۋىچى ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇپ، 17 يېشىدىن باشلاپ دادىسى نارىنبايدىن قازاق مىللىتىنىڭ ماقال- تەمسىللىرى، رىۋايەتلىرى، مەسەللىرى قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن، كېيىن داشۆدە ئوقۇغاندا ۋە خىزمەت، تۇرمۇش داۋامىدا ماقال- تەمسىللەرنى يىغىپ رەتلەشكە باشلىغان. ئۇ يىغىپ رەتلىگەن ماقال- تەمسىللەر 3000دىن ئاشقان ھەمدە 1994- يىلى «جۇڭگو خەلق ئەدەبىياتى تۆت يۈرۈش توپلىمى − تېكەس ناھىيەسى ماقال- تەمسىللەر توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن. بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىنىڭ سادىق تارقاتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇۋان دائىم دەرسخانا، ئاقىنلار ئېيتىشىشى ۋە ئادەملەر توپلاشقان جايلارغا بېرىپ، كىشىلەرگە ماقال- تەمسىللەرگە مۇجەسسەملەنگەن تۇرمۇش ئەقىل - پاراسىتى ۋە ياشاش يوللىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
«ماقال- تەمسىللەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىر گۆھەر، ئۇ، مىللەت تىلىنىڭ جەۋھىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەقىل- پاراسەتنىڭ جەۋھىرى. ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى بۇرچنىڭ زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، پەلسەپەۋى قائىدىلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ كىشىلىك ھايات ئەقىل- پاراسىتىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىمەن» دېدى قۇۋان.
ھەر يىلى يازدا، تېكەس ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىگە كىرىدۇ، لىجيې كوچىسىنىڭ كۈندىلىك ساياھەتچى مىقدارى 32 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ، نۇرغۇن ساياھەتچى ماقال- تەمسىللەر يېزىلغان تاختىلارنى بويلاپ قۇۋان ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھويلىسىغا كېلىدۇ، قۇۋان ھەمىشە زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ھەم ئۇلارغا ماقال- تەمسىللەرگە سىڭگەن ئاددىي- ساددا پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. «<ۋەتەنسىز ئادەم ئورماندىن ئايرىلغان قۇشقا ئوخشايدۇ> دېگەن ماقال- تەمسىل كىشىلەرگە ۋەتەننى سۆيۈشنى بىلدۈرىدۇ، <ئادەم بار يەردە تۈلكىمۇ ئاچلىقتىن ئۆلمەس> دېگەن ماقال- تەمسىلدە پەقەت ئادەملەر بولسىلا ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىد بارلىقى ئىپادىلەنگەن. بۇ ماقال- تەمسىللەردە ئىپادىلەنگەن ئاكتىپ كۈچ ساياھەتچىلەرگە ماقال- تەمسىللەرنىڭ ناھايىتى قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى قۇۋان.
قۇۋان زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندىن سىرت، يەنە دەرس پىلانى تەييارلاپ، بۇ يەرگە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە كەلگەن بالىلارغا ماقال- تەمسىللەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە ۋە داۋلىلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. «ئاش يوق ئالتۇن قاچىدىن، قېتىق بار تۇلۇم ياخشى» «بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى»، ئۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ماقال- تەمسىللەرنى تېپىپ چىققان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئەقىل- پاراسەت ۋە تىل جەلپكارلىقى مۇجەسسەملەنگەن بۇ سۆزلەرنى ياخشى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
تېكەس ناھىيەسى قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە تارقىتىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيەدىكى خاس مەدەنىيەت كوچىسىدىكى دۈيفۇ ئاق قۇ ئۆتىڭىدە مەخسۇس قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرى سارىيى تەسىس قىلدى. «كەڭ دەريا تىنچ ئاقىدۇ، تەربىيە كۆرگەن كىشى كەمتەر بولىدۇ» «مەيلى بىلىم قەيەرگە يوشۇرۇنغان بولسۇن، تىرىشچان ئادەم ھامان تاپالايدۇ» «ئەمگەكسىز تاپقان ئالتۇندىن، ئەمگەك بىلەن تاپقان مىس ئارتۇق»... تۇرمۇش ئەقىل- پاراسىتى، ئاددىي- ساددا پەلسەپەۋى قائىدىلەرگە تويۇنغان قازاق مىللىتى ماقال- تەمسىللىرى ياكى ساندۇق چىراغلارغا چاپلانغان، ياكى ياغاچ تاختىلارغا ئويۇلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ ئۇلارنى چوڭقۇر ئويغا سالاتتى ياكى مەمنۇن قىلىپ كۈلدۈرەتتى.