باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنىدا ۋە پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەتراپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئەتراپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي سۇپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دوستانە ئالاقە ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد- سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، مائارىپ، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائال تۈردە شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا ھالقىغان بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا خەۋپسىزلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختىلاپ، رايون مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. ئەتراپ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە چوڭ تاشقى ئىشلار ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەتراپ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا 13 يىل پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئۈلگە كۆرسەتتى. باش شۇجى بۇ يىل كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا: سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» ئارتىلدى دەپ كۆرسىتىپ، بىزنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى پۇختىلاش كېرەك. دىققەتنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ كەڭلىكىنى پۇختا كېڭەيتىپ، تۈزەش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشكە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خاس باغۋەنچىلىك كەسپى، قۇملۇق كەسپى قاتارلىقلارنى تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، ئورمان- ئوتلاق كەسپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا شەھەرنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ- ئامان شىنجاڭ قۇرۇشنى كۆزلەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، ناھىيە دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىغا قولايلىق يارىتىشنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر جايغا قاتراش»تىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىلتىماس- تەلەپ ۋە ماجىرالارنى ھەل قىلىش بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك زىددىيەت- ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا «بىر پونكىت شەكلى»دە ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قۇرۇلۇشنى ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قۇرۇلۇش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.