ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ نا) 4- ئاينىڭ 9- كۈنى، مالايسىيا، كورېيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 150تىن ئارتۇق يولۇچى قونجىراپ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتۈپ جۇڭگو شىنجاڭغا كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە 21 كىشى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا، تەكشۈرۈش يولىنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئەڭ ئەلا كاپالەت، ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 4- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە، قونجىراپ پورتى بۇ يىل چېگرادىن كىرگەن- چىققان جەمئىي 5000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كورېيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە، دانىيە، ۋېنگىرىيە، مالايسىيا، سىنگاپور قاتارلىق جەمئىي 18 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ چېگرادىن كىرگەن، پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىش قىزغىنلىقى سىجىل ئاشقان.
قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورنىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى جاڭ جىن مۇنداق تونۇشتۇردى: قونجىراپ پورتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق پورتى، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ بۇ پورتتا پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشتىن يىل بويى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇشى ۋە خادىملار ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى.
قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى مۇلازىمەت تەدبىرلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تاموژنىدىن ئۆتۈشكە قولايلىق يارىتىش، مەركەزلىك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش، چەت ئەللىكلەر چېگرادىن كىرىش كارتىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىش، مەخسۇس يول، جىددىي يول ئېچىش قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك تاموژنىدىن ئۆتۈشكە قولايلىق يارىتىش تەدبىرىنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ پونكىت پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئەمەلىي ئېقىم مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى كۈچلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش يوللىرىنى يېتەرلىك ئېچىپ، يېشىل يول تەسىس قىلىپ، ۋاقىتنى ئۇزارتىش يولى، 24 سائەت مەمۇرىيەت ئىشلىرى ئۇچۇرىدىن مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى %30 قىسقارتتى.
«قونجىراپ پورتى ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى دوستانە ئىكەن، خىزمەتچى خادىملار سوئاللارغا جەزمەن جاۋاب بېرىدىكەن.» مالايسىيالىق يولۇچى لىن يەنخۇا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ جۇڭگوغا كېلىشىم، ئاساسلىقى شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلدىم، خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى، يەنە نۇرغۇن مەززىلىك تائاملارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىدىن ئۈمىدكە تولدۇم.
ئىگىلىنىشىچە، قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، قانۇن ياردىمى بېرىش، چەت ئەل تىلى تەرجىمانلىقى، ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن «بىر پونكىت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت سۇپىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە مۇلازىمەت قىلغان. بۇ پونكىتنىڭ باشلامچىلىقىدا پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىغا كۆچمەنلەر ئىشلىرى باش بېكەت مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىنىپ، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش، چېگرادىن كىرىش- چىقىش، خەۋەرلىشىش، چىقىم قىلىش قاتارلىق چەت ئەلگە ئالاقىدار مۇلازىمەت بايلىقلىرى يۇغۇرۇلۇپ، چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىك يولۇچىلار سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، قانۇن ياردىمى بېرىش، پۇل ئالماشتۇرۇش، كۆچمە خەۋەرلىشىش، ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش، چەت ئەل تىلى تەرجىمانلىقى، ياتاق كۆرسەتمىسى، قاتناشتا ئوتتۇرا بېكەتتە ئالمىشىش، ئېگىزلىكتە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەنگەن.
«قونجىراپ پورتىنىڭ مۇلازىمىتى بەكلا ياخشى ئىكەن، بىز پورتقا يېتىپ كېلىپ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا يان تېلېفون كارتىسى ۋە بانكا كارتىسىنى بېجىرەلەيدىكەنمىز، ناھايىتى قولايلىق ئىكەن» دېدى پاكىستانلىق يولۇچى جەن رەشىد.