ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
3- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن، كەلپىن ناھىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغان بولۇپ، چېلىشىش سېلىنچىسىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان كۆرۈرمەنلەر بىلەن تولغانىدى. چېلىشىش ماھىرىنىڭ كۈچىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئىككى پۇتى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ چېلىشىش سېلىنچىسىغا قاتتىق يىقىلدى، پۈتۈن مەيداندا قۇلاقنى يارغۇدەك ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
بۇ، «ئۆرۈك چېچەكلىرى خۇش پۇراق چاچتى . باھار تۈسىگە چۆمگەن تۆگە شەھىرى» 2025- يىللىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەتىيازلىق مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال پەسلى ھەم كەلپىن ناھىيەسىنىڭ 9- نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت- ساياھەت پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ مىللىيچە چېلىشىش تەكلىپ مۇسابىقىسى نەق مەيدانى ئىدى. مۇسابىقە مەيدانىدا ئىچكى موڭغۇلدىن ھەم شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن 50 نەچچە ماھىر كۈچ ۋە ماھارەت سىنىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى. كەلپىن ناھىيەسىدىن 20 نەپەر چېلىشچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
مۇسابىقە نەق مەيدانىدا 2000دىن كۆپرەك كۆرۈرمەننىڭ كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا- بازارلىرىدىن كەلگەن دېھقانلار بولۇپ، بەزىلىرى چاچلىرى ئاقارغان ياشانغانلار، بەزىلىرى سەبىي بالىلار ئىدى، ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى مەيداندىكى ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇراتتى.
قىزىقارلىقى شۇكى، مۇسابىقە مەيدانىدا DJ بار بولۇپ، ئۇ قولىدا مىكروفون تۇتۇپ قىزىقارلىق قىلىپ نەق مەيداندا مۇسابىقىنى چۈشەندۈرەتتى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى كەسپىي ئىدى. بىر مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ گەپ باشلىدى: «ھوي، سۈرەتكە تارتىدىغانلار تېز تارتىۋېلىڭلار، بىزنىڭ مۇسابىقىمىز بەك تېز بولىدۇ جۇمۇ!» ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا مەيداندىكى بىر ماھىر بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، چېلىشىش سېلىنچىسىغا «گۇپ»لا قىلىپ يىقىتىلدى، مەيداندا بىر پەس قىقاس- چۇقان كۆتۈرۈلدى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ «DJ»نىڭ ئەسلىدە شۇ جايدا داڭقى بار چېلىشىش تىرېنېرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
شۇ كۈندىكى مۇسابىقە يەنە توردا پۈتۈن جەريانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، توردا مۇسابىقە كۆرگەنلەر 40 نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم بولغان. ئېكراندا «غەيرىتىمىز ئۇرغۇدى» «نەق مەيدانغا بېرىپ ماھارەت ئۆگەنگۈم كېلىۋاتىدۇ» قاتارلىق قالدۇرۇلغان سۆزلەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇردى.
كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنتلىرىدە چېلىشىش كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق. بۇ ناھىيەنىڭ جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئىسمايىل مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ جايدىكىلەر چېلىشىش تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرىدۇ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا- بازارلارنىڭ ھەممىسىدە دائىم چېلىشىش تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغان دېھقانلار بار، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 2000 كىشى، يېشى 16 ياشتىن 45 ياشقىچە، بەزى كەنتلەردە دائىم چېلىشىش مەشىقى ۋە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلار 40- 50 كىشى بولۇپ، ئاتا- بالا چېلىشىشنى بىللە مەشىق قىلىدىغان ئەھۋالمۇ كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ.
كەلپىن ناھىيەسى ھەر يىلى بەش- ئالتە قېتىم چوڭ تىپتىكى چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، ھەرقايسى يېزا- بازارلاردا ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. چېلىشىش تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ناھىيە يەنە مەخسۇس كوماندا تەشكىللەپ قۇرغان بولۇپ، 40 نەپەر ياش ماھىر ئۇزاق مۇددەت مىللىيچە چېلىشىش ۋە خەلقئاراچە چېلىشىش مەشىقى قىلىپ كەلگەن.
2000 نەپەر چېلىشىش ھەۋەسكارى 60 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار كەلپىن ناھىيەسىدە چېلىشىش تەنھەرىكىتى كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرگەن مۇستاپا يۈسۈپ 9- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئاقپىشماق، ئورۇققىنا ئىدى. دادىسىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ چېلىشىشنى مەشىق قىلىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى، قىشلىق، يازلىق تەتىللەرنىڭ ھەممىسىدە مەشىققە قاتنىشاتتى ھەم بەزى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. «چېلىشىش بىر تۈرلۈك ناھايىتى قالتىس تەنھەرىكەت، مەن ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن» دېدى مۇستاپا.
نەق مەيدانغا مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن بۇ ناھىيەنىڭ گەزلىك بازىرى قۇملۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەرشىدىن ئەركىن بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىغا ئەگىشىپ چېلىشىش مۇسابىقىسى كۆرەتتى، چېلىشىشنى مەشىق قىلاتتى، مۇنتىزم چېلىشىش مەشىقىنى قوبۇل قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغانىدى. ئۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خىزمەت قىلغاچقا، چېلىشىش مەشىقىنىڭ ھەممىسىنى ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ قىلاتتى، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنى ئىنتايىن قوللايتتى، «كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تەنتەربىيە مەيدان- سارايلىرى، ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، چېلىشىشتىن باشقا، كۆپچىلىك يەنە دائىم پۇتبول، ۋالىبول، ۋاسكېتبول قاتارلىق تەنھەرىكەتلەرگە قاتنىشالايدۇ» دېدى ئەرشىدىن.