زۇمرەت ئوبۇل قومۇل شەھىرى ۋە شىنشىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
00:07:41 2025-04-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 4- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ شىنشىڭ شەھىرىگە بېرىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «بىر مۇھىم نۇقتا، تۆت پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونى شىخې كوچا باشقارمىسى خۇيكاڭيۈەن مەھەللىسى ۋە شىنشىڭ شەھەرلىك مۇزېيغا بېرىپ، زو زۇڭتاڭ سۇمۇرغ سۇپىسى بارگاھى تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ساھەسىگە ئالاقىدار «كىچىك دائىرىلىك» نىزام چىقىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىشى كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دىڭشىن مىسچىلىقى، شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىياللىرى، جۈرۇڭ ئېنېرگىيەسى، لۇڭما پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى، دائەن ئېنېرگىيەسى، جۇڭنېڭ لۈيۈەن خىمىيە سانائىتى ۋە قومۇل قۇرۇقلۇق پورتى مەركىزى، ئېرداۋخۇ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، قومۇل رەقەملەشتۈرۈش مەركىزىدە شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، رەقەملىك قومۇل قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قومۇل شەھىرى ۋە شىنشىڭ شەھىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تېزدىن ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى قانۇنچىللىق تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ، ساھەلەردىكى ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماس تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا، مەكتەپ رايونىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ۋە ماھارەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ داۋالاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، زۇمرەت ئوبۇل يەنە قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى ۋە ۋەكىللەر ئالاقە پونكىتى، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىغا كىرىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125