شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شو
ئاممىۋى لۇشيەن − پارتىيەنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى «زۆرۈر دەرس». كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئامما بىلەن قىزغىن ئالاقە باغلاپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئامما ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى قەلبكە پۈكۈش، پۇقرالارغا رىشتە باغلاشنى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.
پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش- ساقلىيالماسلىق پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. يەنئەن مەزگىلىدە پارتىيەنىڭ جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەم ئۇنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشىدىن پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغىچە، يەنە بۈگۈنكى كۈندە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تاماملاش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقىچە، تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئاممىۋى لۇشيەن باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر.
سۇ كېمىنى كۆتۈرەلەيدۇ، غەرقمۇ قىلىۋېتەلەيدۇ. پارتىيەنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئەۋزەللىكى ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەۋپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش. بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىدىن يىراقلاشتى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئاممىغا بولغان مۇھەببىتى سۇسلىشىپ، خەلق ئەھۋالىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان، خەلق رايىنى ھېسابقا ئالمايدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا باشقىلارغا ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلىدىغان بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئامما بىلەن گېپى بىر يەردىن چىقمايدىغان، بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئاممىۋى كۆز قاراشنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئاممىۋى مەيداندىن چەتنەپ كېتىدۇ، ئاممىۋى لۇشيەندىن ئېغىپ كېتىدۇ، بۇ، ئاممىنىڭ قەلبىنى سوۋۇتۇپلا قالماي، يەنە پارتىيەنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى چىرىتىدۇ.
خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلاردىن جەزمەن پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ كۆزلەپ، تەدبىر بەلگىلەش، خىزمەتلەرنى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشتا، ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار خەلقنىڭ خىزمەتكارى بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق رايىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. كەمتەرلىك بىلەن ئاممىدىن ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشتا، ئىدىيەدىكى كونا ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار باشتىن- ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئومۇمەن ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە كەسكىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئومۇمەن ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)