سىزنى شىنجاڭ بىلەن بولغان گۈزەل ھېكايىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز
بەختلىك چېگرا رايون توپلاش ئۇقتۇرۇشى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ فېڭجىڭ) سىن ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلەڭ، كامېرا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان دەۋر تومۇرىنى نامايان قىلىڭ، ھېكايە ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن بولغان ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەڭدار كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق نەزەرىڭىزدىكى گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىڭ. 4- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھ)نىڭ «بەختلىك چېگرا رايون» تېمىسىدىكى قىسقا سىن توپلاش پائالىيىتى باشلاندى، پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ تۈرلۈك قىسقا سىن ئەسەرلىرى توپلىنىدۇ، سىزنى شىنجاڭ بىلەن بولغان گۈزەل ھېكايىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.
بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى، بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى جانلىق نامايان قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھ) «بەختلىك چېگرا رايون» تېمىسىدىكى قىسقا سىن توپلاش پائالىيىتىنى باشلاپ، يېڭىلىق يارىتىلغان بايان قىلىش ئۇسۇلى، ئاددىي بولغان كۆرۈنۈش ۋە تىل ئارقىلىق دەۋر ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلەپ ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇپ، بەخت ھېكايىسى، تەرەققىيات ھېكايىسىنى بايان قىلىدۇ؛ تەسىر قىلىش كۈچىگە، بىۋاسىتە كۆرۈش سېزىمىگە باي بولغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، بەختلىك چېگرا رايوننىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ.
سىننىڭ باش تېمىسى چېگرا رايوندىكى كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش، ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت، شىنجاڭ ھېكايىسى، مەدەنىيەتكە تويۇنغان شىنجاڭ، شىنجاڭدىكى سۈرەتتەك گۈزەل تاغلار، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭ، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭدىن ئىبارەت يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەسەر شەكلى مىكرو سىن، مىكرو كىنو، كارتون، MV، مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم، بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان سىن، Vlog، AIGC قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەسەر ۋاقتى 30 سېكۇنتتىن 8 مىنۇتقىچە بولىدۇ، ئەسەر نۇسخىسى MP4 بولۇپ، تىك ۋە توغرا نۇسخا چەكلەنمەيدۇ، شەخس ھەم ئورۇنلار بىردەك قاتناشسا بولىدۇ.
توپلاش ۋاقتى بۈگۈندىن باشلىنىپ 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. قاتناشقۇچىلار ئەسەر ماۋزۇسىغا «بەختلىك چېگرا رايون + ئاپتورنىڭ ئىسىم- فامىلىسى» دەپ ئەسكەرتىپ، xfdbj70@163.com پوچتا خەت ساندۇقىغا ئەۋەتسە بولىدۇ؛ توپلاشقا تاللانغان ئەسەرلەر «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى، تىيانشان تورى، شىنجاڭ گېزىتى سىن سۇپىسى، ئانار بۇلۇت دوۋيىن سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلاردا كۆرسىتىلىپ تارقىتىلىدۇ.